يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە دائىم سەۋزە ئىستېمال قىلىنسا ، ئۆپكە راك

 يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە دائىم سەۋزە ئىستېمال قىلىنسا ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .

مۇتەخەسسىسلەر بىر گۇرۇپپىدىكى دائىم سەۋزە ئىستېمال قىلىدىغان 884 ئادەم ئىچىدە پەقەت ئىككى ئادەمنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى سەۋزىنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان 884 ئادەم ئىچىدە 41 ئادەمنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ ، ئالدىنقى گۇرۇپپىدىكى كىشلەردىن يەتتە ھەسسە يۇقىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان .
 
   مۇتەخەسسىسلەر يەنە تاماكا چېكىدىغانلار كۈنىگە بىر باشتىن سەۋزە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . چۈنكى ، سەۋزە تەركىبىدە سەۋزە كاروتىنى مول بولۇپ ، ئۇنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش رولى بار ئىكەن .
 
ئەمەتجان ھاجى ، ھەسەنجان مېھمان تەييارلىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قوناق تائامىنىڭ شىپالىق رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چاڭ – توزانلىق كۈنلەردە قارا قېرىنقۇلاقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك ئىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .