ھەسەل تەملىك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە

   ھەسەل تەملىك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە .
 

 
   1. ھەسەل ناھايتى مۇقىم ماددا بولۇپ ، ياخشى ساقلىغاندا نەچچە يۈز يىلغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ ، ئوزۇقلۇقىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ .
 
   2. ھەسەل يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا يىغىلىپ قالغان ياغنى ئازايتىدۇ .
 
   3. ھەسەل بىردىنبىر تەبئىي تاتلىق تېتىتقۇ ھېسابلىنىدۇ .
 
   4. ھەسەل ئايرىپ ئېلىنغان شېكەر ياكى ساخاروزىدەك ئاشقازاندا ئېچىمايدۇ ، شۇڭا ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بولمايدۇ .
 
   5. ھەسەل قەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي مولېكۇلالىق شەكىل بولغاچقا ، داۋاملىق پارچىلانمايدۇ . ئۇ كىچىك ئۈچەي ئارقىلىق بىۋاستە قانغا ئۆتىدۇ ، شېكەر ساخاروزىغا ئوخشاش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسلە پەيدا قىلمايدۇ .
 
   6. ھەسەل ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى خورىتىدىغان ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان  ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتسە ، ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار .
 
   7 . ھەسەل كۆيۈكنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ماددا . ھەسەل ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ ، كۆيگەن جاينى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم تارتۇق قالدۇرمايدۇ .
 
   8 . ئالىملار ھەسەل تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپنى بايقىدى . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى بىر خىل رېئاكتىپ ھەسەل تەركىبىدىلا بولغاچقا ، ھەسەلنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ناھايتى ياخشى .
 
   9. ھەسەل ئىچكۈزۈش بالىلارنىڭ يۆتىلىنى داۋالاشتىكى بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ .
 
   10 . چېنىقىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئازراق ھەسەل ئىستېمال قىلىۋەتسە ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ھەسەل ئىستېمال قىلمىغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە تېز بولىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىزىپ قالغاندا تۇتىدىغان پەرھىزلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماق يەپ بولۇپلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .