بەدەن تەرلىگەندە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئۆرلەيدۇ ، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ بەدەندە ئاسانلا قان كەملىك ، ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك ، ماغدۇرسىزلىنىش ، باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ

 

بۇنداق چاغلاردا مۇۋاپىق مىقداردا قارا قېرىنقۇلاق(مور) ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، قان پلازمىلىرىنىڭ توپلىنىۋېلىشى ۋە خولېستېرىننىڭ قان تومۇرلاردا ئويۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئۈنۈمى ياخشى .

قارا قېرىنقۇلاق بىلەن ئۈچەيدە ئېرىيدىغان ئاسپىرىننىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ئوخشاش بولمىغاچقا ، قارا قېرىنقۇلاقنى كىشلەر‹‹ ئوزۇقلۇق ئاسپرىن›› دەپمۇ ئاتايدۇ . يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ئاغرىقلىرى دورا ئىچىش بىلەن بىللە مۇۋاپىق مىقداردا قارا قېرىنقۇلاق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، قوشۇمچە داۋالاش ھەمدە 40 ياشتىن يۇقىرىلار ئۇزاق مەزگىل قارا قېرىنقۇلاق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ .

قارا قېرىنقۇلاقنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان رولى بار . تەركىبىدىكى سېللۇلوزا بەدەندىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ، سالامەتلىكنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ . ئادەتتە ھەر كۈنى 10 گرام ئەتراپىدا قارا قېرىنقۇلاق قوشۇلغان قورۇما ئىستېمال قىلسا ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە قان تولۇقلايدۇ ، ئۆپكىنى تازىلايدۇ ، سوغۇق قانلارنى ھەيدەيدۇ .

قارا قېرىنقۇلاق 黑木耳
 
ئەركىن ئابلەت تەرجىمىسى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماقتىن كېيىن تەرخەمەك ئىستېمال قىلسا ، ئۆت ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زەنجىۋىل شورپىسى يۆتەلنى توختىتىدۇ، دېگەن قاراش خاتا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .