نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇمدىكى ئاقسىل ئېقىغا يىغىلغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە، تۇخۇم ئېقىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى ئاران %11 ئەتراپىدا بولۇپ، سۇ مىقدارى %88 تىن كۆپرەك بولىدۇ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ياغمۇ ئاساسلىقى تۇخۇم سېرىقىغا يىغىلغان بولۇپ، ئېقىدىكى ياغ



  ۋىتامىنلارمۇ تۇخۇم سېرىقىغا يىغىلغان. تۇخۇم سېرىقىدىكى ۋىتامىن A، D، E، K قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىنلار بولۇپ، تۇخۇم ئېقىدا يوق. سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇخۇم سېرىقىدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئاچ سېرىق رەڭگى ۋىتامىن B2 دىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ كالپۇك يېرىلىش، تىل ياللۇغى، كالپۇك ئاغرىش قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

 
  مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارمۇ تۇخۇم سېرىقىغا يىغىلغان بولىدۇ. تۇخۇم سېرىقىدا فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار مول. گەرچە تۇخۇم سېرىقىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما گۆش يېيەلمەيدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى ياخشى تۆمۈر تولۇقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. يەنە تۇخۇمدىكى لېتسىتىننىڭ مەنبەسى تۇخۇم سېرىقى بولۇپ، لېتسىتىن ئۆت ئىشقارىنى ھاسىل قىلىپ، نېرۋا يەتكۈزۈش ماددىسى - ئاتسېتىلخولىننىڭ بىرىكىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقنىڭ بىرىنچى قوشۇمچە يېمەكلىكى تۇخۇم سېرىقىدۇر. تۇخۇم سېرىقى بالىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. 

 
  تۇخۇم سېرىقىدا كۆپ خىل ئوزۇقلۇقلار بولغاندىن سىرت، يەنە ساغلاملىققا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان كسانتوفىل (يوپۇرماق سېرىق ماددىسى) ۋە زېئاكسانتىن (كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى) بار. كسانتوفىل ۋە زېئاكسانتىن كاروتىن تۈرىدىكىلەرگە تەۋە بولسىمۇ، ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئايلىنالمايدۇ. لېكىن، ئۇلار كۈچلۈك ئوكسىدلاش رولىغا ئىگە بولۇپ كۆزنى ئاسراش رولىغا ئىگە. بۇ 2 خىل ماددا كۆزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، كۆزنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.،،

ئالدىنقى ماقالىمىزدا نەشپۈتنى كۆپرەك يەپ بەرسىڭىز تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چاينىڭ ساقلىق ساقلاش رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .