نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن بۇرۇنقى ئادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ، تاماقتىن كېيىنكى ئىش

     نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن بۇرۇنقى ئادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ، تاماقتىن كېيىنكى ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ . يېقىندا ياپۇنيىلىك تەتقىقىاتچىلار تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان مۇنداق ئۈچ خىل يامان ئىشىنى ئىنىقلاپ چىققان بولۇپ ، بۇنىڭ كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى ناھايىتى زور ئىكەن ، ھەتتا ، بۇنداق يامان ئادەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئاشقازان راكى قاتارلىق ئەجەللىك كىسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرلايدىكەن . 


1. تاماقتىن كېيىنلا چاي ئىچىشكە بولمايدۇ . نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىن ئۆتتەك بىر پىيالە چاي ئىچىمىسە تۇرالمايدۇ ، ئەمما بۇنداق قىلغاندا ، بۇنىڭ ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، ئاشقازان ئاغرىش ، ھەتتا ئاشقازان قاناش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . تاماق يەپ بولۇپ بىر سائەتتىن كېيىن چاي ئېچىش مۇۋاپىق بولۇپ ، مىجەزنى ۋە خلىتلارنى تەڭشەش رولىغا ئىگە ئىكەن . 
 
2. تاماقتىن كېيىنلا مېۋە - چېۋە يېيىشكە بولمايدۇ . مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ ، ئىستىمال قىلىنىپ ، بىر - ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن ھەزىم بولۇشقا باشلايدۇ ، ئەگەر داۋاملىق تاماقتىن كېيىن مېۋە - چېۋە يەپ بەرسە ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم بولۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . تاماق - يەپ بولۇپ بىر - ئىككى سائەتتىن كېيىن مېۋە- چېۋە يەپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدىكەن . 
 
3. تاماقتىن كېيىنلا كوچا ئايلىنىپ ، سەيلە قىلىشقا بولمايدۇ . تۇرمۇشتا بەزىلەر ھازىرمۇ << تاماقتىن كېيىن ماڭساڭ 100 قەدەم  ، ئۇزۇن مۇددەت ساق بولارسەن ھەم >> دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنىپ يۈرۈيدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بۇ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان قۇرۇق گەپتىن ، ئاۋامنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كەتكەن خاتا چۈشەنچىدىن ئىبارەت . ئەگەر تاماق يەپ بولۇپلا يول يۈرگەندە ، ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ ، دە ، يەنىلا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ . بەك ماڭغۇسى كېلىپ كەتكەنلەر ، تاماقلىنىپ بولۇپ ، يىرىم سائەتتىن كىېيىن ماڭسا بولىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نەشپۈتنى كۆپرەك يەپ بەرسىڭىز توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .