ئۈزۈم تەركىبىدە ئاقسىل، كاروتىن، كۆپ خىل ۋىتامىن، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي قاتارلىق بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، چوڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ئەمما ئۈزۈمنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىش كېرەك

      ئۈزۈم تەركىبىدە ئاقسىل، كاروتىن، كۆپ خىل ۋىتامىن، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي قاتارلىق بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، چوڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەمما ئۈزۈمنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىش كېرەك. 



 
  ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. ئۈزۈم ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچكەندە، ئاشقازاندىكى ھەزىم بولالمىغان ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىدۇ. ئۈزۈم بىلەن سۇ ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئوكسىدلىنىپ، ئۈچەينىڭ غىدىقلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرىدۇ. 
 
  ئۈزۈم بىلەن سۈتنى تەڭ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. سۈتتىكى بەزى ماددىلار ئۈزۈمدىكى ۋىتامىن C بىلەن رىئاكسىيىلىشىپ، ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 
  دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۈزۈم يېمەسلىك كېرەك. ئۈزۈمدىكى تاننىك كىسلاتاسى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان ماددىغا ئايلىنىدۇ. 
 
  ئۈزۈم يېگەندىن كېيىن ئېغىزنى چايقىۋېتىش كېرەك. ئۈزۈمدە ئېچىيدىغان قەنت ماددىلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇ چىشنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ساغلاملىققا پايدىلىق يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماقتىن كېيىن مۇنداق ئۈچ ئىشىنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .