چېچەكسەي : چېچەكسەينىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا راكقا قارشى فېرمېنت بولۇپ ، بۇ باش

    چېچەكسەي : چېچەكسەينىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا راكقا قارشى فېرمېنت بولۇپ ، بۇ باشقا يېمەكلىكلەردىن نەچچە ھەسسە كۆپكەن .

   بۆلجۈرگەن : تېرىنى ياخشىلاپ ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ ، جىگەر ۋە سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرىنى يېنىكلىتىدۇ .

   كاناماش(دادۇر) : كاناماش ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمۇن مىقدارى ئەڭ كۆپ يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى . ئۇ ئاياللار سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .

   قېتىق : ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن ئۈچەي يوللىرى يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .

   تاتلىقياڭيۇ : تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تۆمۈر ۋە ۋىتامىن B6 بار .

   پىياز ۋە سامساق : خولېستېرىننى ئازايتالايدۇ . قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ .

   يۇمغاقسۈت : تەركىبىدە مول تۆمۈر ۋە ۋىتامىن C ئېلمېنتى بار .

ھوشۇر ئەمەت تەييارلىغان 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھەسەل بىلەن شوخلىنى بىرگە ئىستېمال قىلسا ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .