شوخلا ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ھەزى

    شوخلا ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ھەزىمنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە . ھەسەل بەدەننى قۇۋۋەتلەشتىكى ياخشى يېمەكلىك . ھەسەلنىڭ تەبئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ ، داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ياشانغانلارنىڭ بەش ئەزاسىنى قۇۋۋەتلەپ ، روھىنى ئورغۇتىدۇ . قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ . شۇڭا ، ياشانغانلار بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى دائىم بىرگە ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك .

   تەييارلاش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن ئىككى دانە شوخلا ۋە 20 گىرام ھەسەل تەييارلايمىز. شوخلىنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بىر مىنۇت تۇرغۇزۇپ ئېلىپ ، ئاندىن سوغۇق سۇغا سېلىپ ، سوۋۇتىمىز ، پوستىنى سويىۋېتىپ ، ئېتىنى توغراپ قاچىغا سالىمىز . ھەسەلنى كىچىك قاچىغا تۆكۈپ ،  ئۈستىگە سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇپ ، تەييارلانغان شوخلا ئۈستىگە قۇيىمىز .

    دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، ھەسەل بىلەن غولپىياز ، ئوسۇڭنى بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ .

‹‹ شىنجاڭ پەن–تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەزى بىمارلار ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان مېۋە–چېۋىلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ساغلاملىققا پايدىلىق يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .