ئەنگىلىيىلىك تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، تۇخۇم ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، س

 ئەنگىلىيىلىك تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، تۇخۇم ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان << ئالاھىدە ئوزۇقلۇق>> ھېسابلىنىدىكەن.

ئوزۇقشۇناسلار كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى بىردىن تۇخۇم ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ھەر كۈنى بىردىن تۇخۇم ئىستىمال قىلسا، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋېتامىن D نىڭ ٪ 20 نى تولۇقلىغىلى بولىدىكەن. ئەگەر ۋېتامىن D نىڭ تولۇقلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، سۆڭەك كېسىلى، راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش، ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەل ۋە روھىي كېسەل قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدىكەن.

ئۇندىن باشقا، تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقدار ئوكسىدلانغۇچى ماددا بار ئىكەن. بۇ ماددىلار سېرىق داغنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. سېرىق داغنىڭ سۈپىتىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئەما كېسىلىنى پەيدا قىلىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.


ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، دائىم تۇخۇم ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىنى قوبۇل قىلىشى تۇخۇم ئىستىمال قىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ بولىدىكەن. تۇخۇمنىڭ چىقارغان ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولمسىمۇ، ئەمما ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولغاچقا، سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن، ھەر ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدىكەن.

يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلىكتە، تۇخۇمدىكى ئاممىنو كىسلاتا مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ، بۇ ماددىلار ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بار ئىكەن، بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. ياشلار،<< گۆشخور ھايۋانلار>> ۋە سۈت ئېچمەيدىغان كىشىلەر تۇخۇمنى كۆپ ئىستىمال قىلسا بولىدىكەن.

 
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۇخۇمنىڭ كىشىلەرنىڭ ئورۇقلىشىغا، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا ياردىمى كۆپ ئىكەن. بىر ئوتتۇراھال چوڭلىقتىكى 80 كېلوكالورىيەلا ئىسىسىقلىق چىقىرىدىكەن. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاشكارىغان تارىخىي ئارخىپتا كۆرسىتىلىشىچە، ساچېر خانىم 1979-يىلى ، ھەر ھەپتىدە 28 دانە تۇخۇم ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلىغان.

بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى لەغمەن سۈيى مەنتەڭ مېڭەنى قۇۋەتلەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .