ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپىيوتېر قوللانغانلار ئاز ساندا ئەمەس ئۇنداق بولسا ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپىيوتېر قوللانسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلغاندا :

   يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ ، ئاق  قان دانچىسى ئازىيىپ ، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدىكەن .

   كۆرۈش سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . زىيادە يۇقىرى بولغان ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيەسى كۆرۈش سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى  تۆۋەنلىتىپ ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .

   راك پەيدا قىلىدىكەن . كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيە بۇلغىنىشى ئادەمنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى ، ئىممۇنىتېت كۈچى ، كۆپىيىش ۋە ماددا ئالمىشىش  ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ ، ئېغىر بولغاندا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن .

   كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرسا ، ھامىلدارلارنىڭ بويىدىن  ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مائۇس ۋە ساغلاملىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .