بالىلار ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى ئوينىغاندا ، چوقۇم چەكلىمىسى بولۇشى، ھەر 20 مىنۇتتا چوقۇم ئازراق دەم ئېلىشى لازىم

 

   دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ، Ipad كە ئوخشاشئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنىڭ رەڭگى بەكلا ئوچۇق بولۇپ ، بالىلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىكەن ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيانلىق ئىكەن .

   كۆز چارچايدۇ : بالىلارIpad تىكى سۈرەت ، خەت ، رەقەملەرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن ، چوقۇم كىرپىكسىمان مۇسكۇلىنى دائىم ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆز چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ : ئېلېكتىرونلۇق ئېكران بىۋاستە يورۇقلۇق مەنبەسىگە تەۋە بولۇپ ، يۇقىرى چاستوتىنىڭ تەكرار چاقنىشى كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى غىدىقلاپ جىددىي ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ-دە، كرىستال لىنزا ھەددىدىن زىيادە ئېگىلىپ ، ئۇزاق مۇددەت كۆزنى ئىشلەتكەندە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   كۆز قۇرغاقلىشىپ ياللۇغلىنىدۇ : Ipad كە ئۇزاق مۇددەت قادىلىپ ئولتۇرغاندا ، كۆزنى چىمچىقلىتىش قېتىم سانى ئازلاپ ، ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ پارغا ئايلىنىشى تېزلاپ ئاجرالما ئازلايدۇ-دە ، كۆز ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ ئارامسىزلىنىدۇ. ھەمدە بۇ ۋاقىتتا بالا قولى بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلاشقا ئامراق بولغاچقا، كۆزنىڭ قىزىرىپ ، ياللۇغلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يۈزىڭىزنى يۇيۇۋېتىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېرغا قاراش كۆز تورلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .