كومپيۇتېر ئېكرانى پەيدا قىلغان رادىياتسىيەنىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تەدرىجىي تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، داغ، كۆز ئەتىراپىدىكى مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى، قورۇق، كۆز خالتىسى، كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشتەك نورمالسىزئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ

 

 شۇڭا، رادىياتسىيەسى تۆۋەن، كۆرسىتىشى مۇقىم كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش كېرەك. ياخشىسى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران بولسا تېخىمۇ ياخشى.

كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا يۈزگە ئايرىش مېيى، ياخشىسى ئېكرانغا قوغداش ئەينىكى سەپلىۋالسائۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا بەدەن بىلەن ئېكراننىڭ ئارىلىقى 70 سانتىمېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېر كۆپ قويۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلار، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم يۈزىنى يۇيۇۋېتىشى كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار، ياخشىسى، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇشى كېرەك.

 ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا رادىياتسىيەنىڭ ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى كۈچلۈك بولىدىكەن.

 

 ئابلىمىت داۋۇت تەييارلىغان


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دائىم كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇچىلار جىگىرىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ دېگەندە 20 مىنۇتلا ئويناش لازىم توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .