ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كومپيۇتېردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇنلار ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەيدىكەن ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرمەيدىكەن

 

ئەنگلىيە كامبرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىش ئارقىلىق بىز مۇرەككەپ كومپيۇتېر ئويۇنلىرىنى ئويناشقا تېخىمۇ ماھىر بولۇپ كەتسەكمۇ، لېكىن بۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى تېخى ئىسپاتلىنىپ چىققىنى يوق.

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار بىلەن ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى « نەزەرىيەدىكى چوڭ پارتلاش» پىروگرامما گۇرۇپپىسى ھەمكارلىشىپ، 11 مىڭ نەپەر 18 - 60 ياشقىچە بولغان ساغلام ئەر - ئايال پىدائىيلارغا قارىتا بىر قاتار سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغان ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى سىناش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان.

بۇنىڭدا بىر قىسىم پىدائىيلارنى كۈنىگە 10 مىنۇتتىن ھەپتىدە 3 قېتىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇن ئويناشقا، يەنە بىر قىسىم پىدائىيلارنى بىر قىسىم ساۋات خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە تورغا چىقىپ جاۋاب تېپىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.


6 ھەپتىدىن كېيىنكى سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، توردىن جاۋاب تاپماقچى بولغان پىدائىيلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش بولغان. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم ھەرىكەت قىلىپ بېرىش، مەسىلەن، سەيلە قىلىش قاتارلىقلار، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تورغا كۆپ چىقىدىغانلارغا سەمىمى نەسىھەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كومپيۇتېر رادىئاتسىيە تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .