مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلغاندا:

 


يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، ئاق قان دانچىسى ئازىيىپ، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدىكەن.

كۆرۈش سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن. زىيادە يۇقىرى بولغان ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيەسى كۆرۈش سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

راك پەيدا قىلىدىكەن. كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيە بۇلغىنىشى ئادەمنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت كۈچى، كۆپىيىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ، ئېغىر بولغاندا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.

كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرسا، ھامىلدارلارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. (مېھرىگۈل ئەلى تەييارلىغان)
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كومپىيوتېر رادىئاتسىيىسىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .