نورمال ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى كۈندۈزى يۇقىرى كېچىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولسا ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ

ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە، ئادەمنىڭ كۆز ۋە نېرۋا سىستېمىسى كۈچلۈك غىدىقلىنىپ، ئەسلىدە تۆۋەنلەشكە تېگىشلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدۇ – دە، ئۇخلاش سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن ئىككى سائەتبۇرۇن كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك.

ئىمكانىيەت يار بەرسە، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور ياكى يان تېلېفوننى ياتاق ئۆيگە قويماسلىق، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش ياكى بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت ئىچىپ ئۇخلىيالماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

   ئۇخلاشتىن بۇرۇن زىيادە كومپيۇتېر ئىشلىتىش يۈرەك سىقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، قىسمەن ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش، يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى ئازىيىش، سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، ئاق قان ھۈجەيرىسى ئازىيىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
   ھەددىدىن يۇقىرى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيە بۇلغىنىشى كۆرۈش سېزىمى سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كومپيۇتېر رادىياتسىيەسى بۇلغىنىشى ئادەم بەدىنى ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش، مېتابولىزم(ماددا ئالمىشىش) قاتارلىق ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئادەم بەدىنىدىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كومپيۇتېر كىسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كومپىيوتېر يىغىندا كېسەللىكى=电脑综合症 توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .