كومپيۇتېرنىڭ ئوموملىشىشى كىشىلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىش بىلەن بىللە ، يەنە سالامەتلىكىگە بەزى يۇشۇرۇن خەۋىپلەرنىمۇ ئېلىپ كەلمەكتە كۈنبويى

كومپيۇتىر بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك توققۇز خىل كىسەللىكلەردىن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ .

1-<< ئېكران يۈزلۈك بولۇپ قېلىش >> كېسىلى .
ھەر كۈنى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بەش سائەتتىن ئارتۇق مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان كىشىلەر ئەگەر دەم ئىلىشقا دىققەت قىلمىغاندا ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن . بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى : تېرىسى خۇنۇكلىشىش ، يۈزىگە مونەك چىقىش ، كۆز ئەتراپى قارىداش قاتارلىقلار . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى :1) ئېكران بىلەن بەدەننىڭ ئارىلىقى 70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇش .2) كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال يۈزگە نەملىك ساقلاش مېيى سۈرىۋىلىش ، كومپيۇتىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن دەرھال يۈزنى يۇيىۋىتىش . 3)كۆپرەك چاي ئىچىپ بىرىش ۋە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىنى سۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك 
 
2-<< تۇرۇپ پۇت >> كېسىلى 
 
پۈتۈن كۈن كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغاندا ، پۇتلارنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولماي ئىششىپ تۇرۇپقا ئوخشاپ قالىدۇ .ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى :ھەر سائەتتە 10 قېتىمدىن زوڭزىيىش ھەرىكتى ئىشلەپ بىرىش كېرەك .
 
3- << مائۇس قول >> كېسىلى .
 
 مائۇسنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەنلىكتىن قول ، بارماق ۋە ئالقانلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى : 1)مائۇسنى ئىشلەتكەندە ، بىلەك ئېسىلىپ قالماسلىق .2) كۇنۇپكا ۋە مائۇسنى كۈچەپ باسماسلىق كېرەك .
 
4- ئومۇرتقا كېسىلى 
 
ئۇزۇن مەزگىل باش ۋە بەدەننى ئېگىپ ئولتۇرۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى :1) ئۇخلىغاندا ياستۇقنى پەسرەك قىلىش ، 2) كومپيۇتېر ئۈستىلىنىڭ ئېگىزلىكى 70 سانتىمېتىردىن ئېگىز بولماسلىق . 3) ھەر 40 مىنۇتتا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ بىرىش كېرەك .
 
5- كۆز قۇرغاقلىشىش.
 
ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېرغا قارىغاندا ، كۆز تېلىپ ئاغرىش ، قۇرغاقلشىش ، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى : 1) كۆزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش ؛2) كومپيۇتېرغا قارىغاندا ، ئۆينىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن ئىكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش بولۇشى كېرەك .
 
6- تېرە سەزگۈرلىشىش كېسىلى 

ئېكران ئوچۇق ھالەتتە نۇرغۇنلىغان چاڭ توزانلار ئېكرانغا قونۇپ ، تېرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى :1) كومپيۇتېر ئەتراپىغا قەغەز ۋە ھۆججەتلەرنى دۆۋىلىۋەتمەسلىك كېرەك .2) داۋاملىق ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇش .3) ئۈستەلگە بىر تەشتەك كاكتۇس قويۇپ قويۇش كېرەك .
 
7- ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسىلى 
 
ھەرقانداق ئىشتا كومپيۇتېرغا تايىنىۋالغانلىقتىن ، مېڭىنىڭ ئىقتىدرى ئاجىزلاپ ، ئەستە تۇتۇش قابلىيتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى : 1) قېنىپ ئۇخلاش2) ھەر كۈنى 20 - 30 مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش .3)قېنىپ نەپەس ئىلىپ ، كەيپىياتنى قويۇۋىتىش كېرەك. 
 
8- ئەسەبىيلەرچە مەشغۇلات قىلىش كېسىلى 
 
كومپيۇتېردىن چاتاق چىققاندا جىددىيلىشىپ ، كۇنۇپكا تاختىلىرىنى كۈچەپ بىسىش، ئاچچىقلىنىش ، كومپيۇتېرنى ئۆرىۋىتىش قاتارلىقلار . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى : مۇھىم ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا ساقلىۋىلىش كېرەك . بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېردا مەسىلە كۆرۈلگەندە چوڭ زىيان تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 
 
9- مەركىزىي نېرۋا تەڭپۇڭسىزلىنىش كېسىلى.
 
ئۇزۇن مۇددەت بىكىنمە مۇھىتتا ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلغانلىقتىن ، باش ئاغرىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، كەيپىياتى تۆۋەنلەش ،داۋاملىق ھارغىنلىق ھىس قىلىش قاتارلىقلار كىلىپ چىقىدۇ . ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى : 1) كومپيۇتېر ئەتراپىدىكى يورۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش .ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش .2) كۆپرەك قايناق سۇ ئىچىپ بىرىش كېرەك . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋېتىپلا ئۇخلاش سالامەتلىككە زىيانلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .