1-ئۇسۇل:ئىشخانىڭىزدا كومپىيۇتېر يىنىغا بىر تەشتەك كاكتۇس گۇلىنى قويۇپ قويۇڭ،ئۇ ناھا

1-ئۇسۇل:ئىشخانىڭىزدا كومپىيۇتېر يىنىغا بىر تەشتەك كاكتۇس گۇلىنى قويۇپ قويۇڭ،ئۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا رادىئاتسىيە نۇرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ.
 
2-ئۇسۇل:تۇرمۇشى تولىمۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدىغان كىشىلەر ئۇچۇن ئېيتقاندا،كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى كۇنىگە ئىككى-ئۇچ ئىستاكان يېشىل چاي ئېچىش ۋە بىر دانە ئاپېلىسىن يېيىش.چاي تەركىبىدە مول بولغان پىرو ۋىتامىن A بولۇپ،ئۇنى ئادەم بەدىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،تىزلىك بىلەن ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىدۇ. ۋىتامىن A كۆرۈش تور پەردە ماددىسى بىلەن بىرىكىپلا قالماستىن،يەنە تۇتۇق نۇر ئاستىدىمۇ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر يېشىل چاي ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەنلەر بولسا،سەبدە گۈلى چېيى بىلەنمۇ ئوخشاشلا كومپىيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيىسىگە قارشى تۇرغىلى ۋە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈگىلى بولىدۇ،بۇرمىلىق يۇسۇن ۋە چېغىناق مېيىنىڭمۇ رادىئاتسىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار.
 
3-ئۇسۇل: تورغا كىرىشتىن ئاۋۋال تېرە ئاسرىغۇچ بىلەن تېرىڭىزنى كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىيە كۆرۇڭ، مەرۋايىت مەلھىمىنى ئىشلىتىڭ.ئۆزگىچە بولغان جەنۇب سۈزۈك مەرۋايىت مەلھىمىنى يۇز تېرىڭىزگە بىر قەۋەت 0.001 مىللىمېتىر ئەتراپىدا سۈرۈۋالسىڭىز،ناھايىتى ئۇنۇملۈك ھالدا مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ زىيىنىدىن قوغدايدۇ ۋە رادىئاتسىيىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
 
4-ئۇسۇل: كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شوغۇللانغاندا،رەڭ سۈزگۈچ ئەينەكنى ئورنىتىۋالغاندىمۇ رادىئاتسىيىنىڭ زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.ئۆي ئىچىگە ئارتۇقچە مېتال بويۇملارنى قالايمىقان قويماي،ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ قايتا رادىئاتسىيە قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.كومپىيۇتېرنىڭ يورۇقلىقىنى ياخشى تەڭشەش كېرەك،ئادەتتە ئىكراننىڭ يورۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا،ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ رادىئاتسىيسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.. ئەكسىچە بولسا شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەمما،بەك تۇتۇق تەڭشىۋالغاندا ئۈنۈمگە تەسىر يېتېش بىلەن بىر ۋاقىتتا،يەنە كۆنىڭ چارچىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
 
5-ئۇسۇل: ئامال بار  يېڭى پاسۇندىكى كومپىيۇتېر ئىشلىتىش،كونا كومپىيۇتېرنى ئادەتتە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.ئادەتتە كونا كومپىىيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك بولىدۇ.ئوخشاش ئارىلىقتا ئوخشاش تۈردىكى كومپىيۇتېرلار شەرتى ئاستىدا،ئادەتتە كومپىيۇتىر رادىئاتسىيىسىنىڭ بىر-ئىككى ھەسسىسىچىلىك بولىدۇ.
 
6-ئۇسۇل: كومپىيۇتېر قويىدىغان ئورۇنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئامال بار كومپىيۇتېرنىڭ كەينى تەرىپىنىڭ رادىئاتسىيىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە،ئىكراننىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ رادىئاتسىيىسى ھەممىدىن ئاجىز بولىدۇ، خەتنىڭ ئىنىق كۆرۇنۇشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئاز دېگەندە 50تىن 75 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئارىلىق قويۇش كىرەك، بۇنداق قىلغاندا ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
 
7-ئۇسۇل: ئۆي ئىچىنىڭ شامال ئۆتۇشۇپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئالىملار تەتقىقات ئارقىلىق كومپىيۇتېر ئېكرانىدىن بىر خىل بىرومىدلاشقان دىغىنلامىن بىلەن غۇراندىن ئىبارەت راك ماددىسى پەيدا بولىدىكەن .شۇ سەۋەپتىن كومپىيۇتېر قويغان ئۆيگە ئەڭ ياخشىسى شامل تەڭشىگۇچ ئورنىتىش، ھېچبولمىسا شامالنىڭ ئۆتۇشۇپ تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
 
8-ئۇسۇل: ئەۋاغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا سەۋزە، پۇرچاق، پەمىدۇر، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق ۋىتامىن A ,C ۋە ئاقسىل مول بولغان يىمكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش ۋە يېشىل چاي دېگەندەك ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.
 
9-ئۇسۇل: دائىمم كومپىيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزى قۇرغاقلىشىپ ئاغرىيدۇ، شۇ سەۋەپتىن كومپىيۇتېر ئۈستىلىگە بىر قانچە بانان قويۇپ قويۇش تولىمۇ زۆرۈر. بانان تەركىبىدىكى كالىي ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇقچە بولغان تۇز مىقدارىنى چىقىرېۋىتىشكە ياردەم قىلىپ،ئادەم بەدىنىدىكى ناترىي بىلەن كالىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ،كۆزنىڭ ساقسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا،بانان تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى كاروتىن B بار، ئادەم بەدىنىدە بۇ خىل ماددا كەم بولسا كۆز ئاغرىپ، قۇرغاقلىشىپ، كۆز قارىچۇقى نۇرسىزلىنىدۇ، كۆپ مىقداردا بانان يەپ بەرسە بۇ خىل ئالامەتلەرنى ئازايتقاندنن سىرت، يەنە مەلۇم مىقداردا كۆزنىڭ چارچىشىنى ئاستىلىتىپ، كۆزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
 
 شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلغاندا يۈزىڭىزنى يۇيۇڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كومپيۇتېر كىسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .