كومپيۇتېر ئېكرانى پەيدا قىلغان رادىياتسىيەنىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ، داغ ، كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ، قورۇق ، كۆز خالتىسى ، كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشقا ئوخشاش ن

شۇڭا رادىياتسىيەسى تۆۋەن ، پارقىرىمايدىغان ، كۆرسىتىشى مۇقىم بولغان كومپىيۇتېرنى سەپلەش كېرەك . ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكرا بولسا تېخىمۇ ياخشى .
 

كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا يۈزگە ئاسراش مېيى ، ئۇپا تەگلىكى قاتارلىقلارنى سۈركۈۋېلىش كېرەك .

ئەڭ ياخشىسى ئېكرانغا قوغداش ئەينىكى سەپلىۋالسا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، كۆپ كومپيۇتېر قويۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلار ، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم يۈزىنى يۇيۇۋېتىشى كېرەك .

ھامىلدارلار ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇش كېرەك . چۈنكى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا رادىياتسىيە ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 
پولات ئامانيار تەرجىمىسى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەر كومپيۇتېر ئالدىدا كۆپ ئولتۇرسا بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .