دائىم كومپيۇتېر بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلار ، خىزمەت قىلىۋاتقاندا ، ئىككى پۇتىنى ئالماپ ، بىر - بىرىگە مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا ، بۇ ئاستا خاراكتىلىك بوغۇم ياللۇغى ۋە باشقا ئەگەشمە كىسىەلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن

    دائىم كومپيۇتېر بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلار ، خىزمەت قىلىۋاتقاندا ، ئىككى پۇتىنى ئالماپ ، بىر - بىرىگە مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا ، بۇ ئاستا خاراكتىلىك بوغۇم ياللۇغى ۋە باشقا ئەگەشمە كىسىەلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . 
 
 
تەتقىقاتچىلار ئەگەر مۇشۇنداق ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ،ئۇ ھالدا يەنە بۇنىڭ يۈرەككىمۇ تەسىرى بولدىغانلىقىنى بايقىغان . 
 
 
يېقىندا ، مۇتەخەسسسىلەر دائىم كومپيۇتېر بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ قانداق ئولتۇرۇش ، قانداق ھالەتتە مەشخۇلات ئېلىپ بېرىشىغا ئالاقىدار مۇنداق كۆرسەتمىنى چىقارغان : ئادەتتە كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىككى پۇتى يەرگە تېگىپ تۇرۇشى يەنى ئامال يەرگە تىك تېگىپ تۇرۇشى ، ئىككى قولنىڭ بېغىچى بىلەن كومپيۇتېر ئۈستىلى پاراللېل ھالەتكە كېلىشى ، مۈرىسى ئورۇندۇققا يىنىك تېگىشكەن ھالەتتە بولۇشى ، كۆز بىلەن ئىكراننىڭ ئارلىقى 40 - 50 CM نى ساقلىشى زۈرۈر ئىكەن . 
 
 
تەتقىقاتچىلار يەنە ، دائىم كومپىيۇتېر بىلەن مەشخۇلات قىلىدىغانلار ئولتۇرۇش ۋە قىياپەتكە دېققەت قىلمىسا ، بەزى يىنىك تىپتىكى ئىچكى كىسەللىكلەرگە كىرىپتار بولغاندىن سىرىت ، تىرە يىرىكلىشىش ، چاچ چۈشۈش ، كۆز خالتىسى ئىشىش ... قاتارلىق بىر قاتار كىسەللەرگە باشقا كىشلەرگە قارىغاندا ، بىر قەدەر ئاسان گىرىپتار بولىدىغانىقىنى بايقىغان .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دائىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار كۆزنى ئاسرىشى لازىم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەر كومپيۇتېر ئالدىدا كۆپ ئولتۇرسا بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .