كومپىيۇتېر ئىشلىتىدىغانلارنىڭ %60 تى كۆپرەكى كۆز ھارغىنلىقى ۋە كۆرۈش سېزىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى

     كومپىيۇتېر ئىشلىتىدىغانلارنىڭ %60 تى كۆپرەكى كۆز ھارغىنلىقى ۋە كۆرۈش سېزىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توغرا مەشغۇلات ھالىتىگە دىققەت قىلىش، ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، كۆز ئېتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 
     ئەگەر ۋىتامىن B1 كەمچىل بولسا ، كۆز قۇرغاقلىشىپ ، كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ۋىتامىن A كەمچىل بولسا نامازشام قارىغۇسى، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى، ھەتتا كۆز تۇتۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كومپيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يىمەكلىكلەردىن ھايۋانات جىگىرى، سەۋزە، پەمىدۇر، پالەك قاتارلىقلارنى، مېۋىلەرنى ۋە تەركىۋىدە ۋىتامىن B مول بولغان گۆش، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، تۇخۇم، سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپىيوتېر مەشغۇلاتى سالامەتلىككە زىيانلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغانلار پۈتىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .