مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپىيوتۇر مەشغۇلاتى قىلغاندا:

1. يۈرەك قان تومۇر سىستىمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپىيوتۇر مەشغۇلاتى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ يۈرەك سوقۇسى تىزلىشىپ ، ئاق قان دانچىسى ئازىيىپ ، كىسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدىكەن .
  
2. كۆرۈش سېستىمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . زىيادە يۇقۇر بولغان ئېلىكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيەسى كۆرۈش سېستىمىسىغا تەسىر قىلىپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىپ ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
  
3. راك پەيدا قىلىدىكەن .كومپىيوتۇرنىڭ رادىيەتسىيە بۇلغىنىشى ئادەمنىڭ ئايلىنىش سىستىمىسى ، ئىممونىت كۈچى ، كۆپىيىش ۋە ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ ، ئېغىر بولغاندا راك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن .
  
4 . كۆپىيىش سېستىمىسىغا تەسىر قىلىدىكەن . ئۇخلاشتىن ئېلگىرى كومپىيوتۇر ئىشلىتىش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرسا ، ھامىلدارلارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كومپىيۇتېر مەشغۇلاتچىلىرى قانداق كېسەللىككە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دائىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار كۆزنى ئاسرىشى لازىم توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .