بەزىلەر ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ، ئايالىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، مەنىينى(ئىسپىرمىنى)بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرۋېتىدۇ ئۇلارنىڭ ئويىدا بۇنداق قىلسا ، ئايالى ھامىدار بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ لېكىن بۇ بىر خىل خاتا كۆز قاراش

                 بۇ بىر قانچە ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، مەسىلەن قانچىلىك ئالدىنقى كۈيلەش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ، ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي يولىغا قانچىلىك ۋاقىت كىرگۈزۈلگەنلىكى ، ئەر تەرەپنىڭ ياش قۇرامى بىلەن بەدەن ئەھۋالى ، ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي يولىغا قانچىلىك دەرىجىدە كىرگۈزۈلگەنلىكى ، ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي يولى ئەر تەرەپنىڭ زەكىرىگە بېسىم قىلغان-قىلمىغانلىقى ، دەرىجىسى ھەم ئايال تەرەپنىڭ چىقارغان ئاجراتما سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ تەركىبى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار ئەر تەرەپنىڭ مەنىسىنىڭ(ئىسپىرمىسىنىڭ)ئايال تەرەپنىڭ بەدىنىگە كىرىپ كېتىش كەتمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

 
مەنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتسە ، ھامىلدار بولامدۇ؟

                شۇڭلاشقا ، مەنىنى(ئىسپىرمىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىشتەك بۇ ئۇسۇل ئەر تەرەپنىڭ تۇغۇتتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى تاقاپ تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ياكى زەكەرنىڭ ئايال تەرەپنىڭ بەدىنىگە كىرگۈزمىگەنگە قارىغاندا ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ دىيىشكە بولىدۇ .


                 بەدەن سىرتىغا مەنىنى (ئسپىرمىنى) چىقىرۋېتىش ئۇسۇلى يەنىلا بىر قەدەر خەتەرلىك ، چۈنكى سىز يۇقىرى پەللىگە يېتىش ئالدىدا ياكى مەنى (ئىسپىرما) چىقىرىشنىڭ ئالدىدىلا بىر قىسىم مەنى ئېقىپ چىقىپ ئايال تەرەپنىڭ بەدىنىگە كىرىپ كەتكەن بولۇشى مومكىن ، ھەم بۇنداق ئۇسۇلنى دائىم ئىشلەتسە ، ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپتە بىر خىل روھىي جەھەتتە جىددىيلشىشدەك ېسىم پەيدا بولۇپ قېلىپ ، كېيىنكى جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ . 


بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى مەنى قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى دىگەن كۆز قاراش خاتا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .