جىنسىي ھېسياتنىڭ قوزغىلىشى جەريانى

جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىپ زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە.
 
جىنسىي ھېسسياتنىڭ قوزغىلىشى

ئۇ رەئىس ئەزا مېڭىدىكى  ھاياتلىق كۈچى، سەزگۈ ھەرىكەت كۈچى، تەبىئىي كۈچ قاتارلىقلار. روھ ۋە خىلىتلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتى نورمال تىزگىنلىنىش ئارقىلىق بەدەندىكى ئىچكى بەش سېزىم، تاشقى بەش سېزىم ئۆزىنىڭ رولىنى نورمال جارى قىلدۇرۇش بىلەن تاشقى تەرەپتىن كەلگەن جىنسىي غىدىقلاشنى بەدەندىكى بىر قىسىم سەزگۈ ئاپپاراتلارنىڭ ياردىمىدە چوڭ مېڭە ھېسسىي مۇشتەرەك مەركىزىگە يەتكۈزىدۇ.

 ھېسسىي مۇشتەرەك مەركىزى ئۆزىنىڭ سېزىش، تەڭشەش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولى ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدار مەركىزى ۋە يۇلۇندىكى، بەل-توققۇزكۆز ئەتراپىدىكى زەكەر قايىم قىلىش ئورنى، مەنىي چىقىرىش ئورنى قاتارلىقلار ئەسەب نېرۋىلار ئارقىلىق ئۆزئارا جىددىي ئالاقىلىشىپ، زەكەرنى قايىم قىلىدۇ ۋە مەنىي چىقىرىش ھەرىكىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەر جىنسىي كۈچىنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە سالامەتلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .