ھازىرقى زاماندىكى ئەرلىرىمىزدە بەدەن چېنىقتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئېڭى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ئەمەلىيەتتە ئەرلىرىمىزمۇ ئەسلى ئۆزىنى ئاسراپ تۇرۇشى لازىم ئىدى بولۇپمۇ جىنسىي ساغلاملىقىمىزغا ئەھمىيەت بېرىپ ، جىنسىي كۈچىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا دېققەت قىلساق بولاتتى قانداق قىلغاندا جىنسىي كۈچىمىزنى يەنى جىنسىي ئىقتىدارىمىزنى ياخشى ساقلىيالايمىز؟

جىنسىي ئىقتىدار بارلىق قۇرامىغا يەتكەن ئەرلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى . چۈنكى جىنسىي ئىقتىدارىمىز ، جىنسىي كۈچىمىز ئۇرغۇپ تۇرسا ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ . ئەر ئاياللىق ئائىلە ساپاسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز . تۆۋەندە ئەرلەر جىنسىي كۈچىنى ياخشى ساقلاپ قېلىشىغا ياردىمى بولىدىغان بىر قانچە نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز.
 

تولۇق ئۇيقۇڭىزغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
بەزى خىزمەتچى ئەرلەر كۈندۈزى بەك ئالدىراش ئىشلىگەنلىكتىن ، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى ئېتىپ ھارغىنلىق سەۋەبىدىن ئارام ئېلىشقا ئالدىرايدۇ . بۇ ۋاقىتتا جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارسا ھارغىنلىقنىڭ ئۈستىگە ھارغىنلىق قوشۇلىدۇ . بۇنداق رىتىمدىكى ئائىلىلەر جىنسىي تۇرمۇشنى ئەتتىگەن ئويغانغان ۋاقىتقا توغرىلاپ ئۆتكۈزسە بولىدۇ . ئەتتىگەن ئويغانغاندا ئادەمنىڭ مېڭىسى ھېلىھەم تورمۇزلىنىپ تۇرغان ھالەتتە بولغاچقا ، ئىتتىك ھېسسىيات كەلمەسلىكى مۇمكىن . شۇڭا ئەتتىگىنى بالدۇرراق تۇرۇپ تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەمما كېچىلىك ئۇيقۇغىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك بېرەلىسىڭىز ، ئەتتىگەنلىك جىنسىي تۇرمۇشنىڭ بىر كۈنلۈك روھلۇق بولۇشىڭىزغا زور ياردىمى بولىدۇ . 

دائىم چېنىقىپ تۇرۇڭ.
ئاستا يۈگۈرۈش ياكى مېڭىش ، بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىنى بەكرەك چېنىقتۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ . جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇكەممەل بولۇشى ئاساسلىقى بېلىڭىز ھەم پۇتىڭىزدا . بېلىڭىز ، پاچىقىڭىزنى دائىم چېنىقتۇرۇپ بەرسىڭىز ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ لەززەتلىك بولۇشى ئۇزاق بولۇشىغا كاپالەتلىك بەرگىلى بولىدۇ . 

ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك بېرىش. 
ئەرلەر كۆپرەك سىنىك ماددىسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ھەمدە جىنسىي ئىقتىدارغا پايدىسبى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش لازىم . مەسىلەن بېلىق ، خەيدەي ، ياڭاق ، بۆرەك ، قوي گۆشى ، تۆگە گۆشى ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار . 

بەك سەمىرىپ كەتمەسلىك لازىم.
خىزمەتكە چىققان ۋەياكى توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى سەمىرىپ كېتىش.  سەمىرىپ كەتكەندىن كېيىن بەدەن ئاجىزلىششقا قاراپ ماڭىدۇ . قېلىن تېرە ئاستىدىكى نېرۋا ئۇچلىرى ئەر ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھېسلىرىنى ئېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ . شۇڭا سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەكمۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي ھېسسياتنىڭ قوزغىلىشى پىرىنسىپى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .