تاماك چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق، يۈرۈك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇشى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىھتىياتچانلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن سىز ۋاز كەچسىڭىز بولىدۇ، بىراق بىر تۈردىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ جىنسىي تۇرمۇش

ئەنگىلىيە"كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋېرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە يۈرەك كېسەللىكى مەخسۇس بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى پروففىسور جىئېرمۇنداق دىگەن: كۆپ ساندىكى يۈرەك كېسەللىرى بىمارلىرىغا نېسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي تۇرمۇش زىيانسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاجدۇر. تۆۋەندە پروففىسور جىئېرنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۆزۈشكە قارىتا بىرنەچچە خاتا چۈشەنچىلەر توغرىسىدىكى يېشىمىنى كۆرۈپ باقايلى.

يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەكمۇ؟

  جىنسىي تۇرمۇش يۈرەك كېسەللىرى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، جىنسىي تۇرمۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، پەقەت %2كە يەتمىگەن يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. بىراق، نۇرغۇنلىغان يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق دېيىشكە بولىدىكەن. كۆپ ساندىكى بىمارلار ئەڭ ئاددىي بولغان سىيلاش ياكى سۆيۈشۈشنىمۇ سىناشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ، ھېسىياتلىق جىنسىي تۇرمۇشنى تىلغا ئېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. پروففىسور جىئېرنىڭ ئېيتىشىچە، جىنسىي تۇرمۇش ئەزەلدىنلا ئۆزى بىر تۈرلۈك ھەرىكەت جەريانى بولۇپ، بۇ"جىنسىي تۇرمۇش" كىشلەرنىڭ ئارتۇق بولغان كالورىيەسىنىڭ خورىشىغا ياردەم قىلىپ، كىشلەرگە  جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خوشاللىق ئېلىپ كىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا ساغلاملىق ئاتا قىلىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى قانداق ئەھۋالدا ئاجىزلايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەر جىنسىي كۈچىنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .