جىنسىي تەلەپ دىگەنلىك، جىنسىي تۇرمۇشقا قارىتا جىنسىي غىدىقنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كېلىدىغان بىر خىل ئارزۇنى كۆرسىتىدۇ ئادەتتە بالاغەت دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئوغۇللاردىكى جىنسىي تەلەپ قىزلاردىكىگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدۇ

ئەرلەردە جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدىن بولىدۇ:     

ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى قانداق ئەھۋالدا ئاجىزلايدۇ

بىرىنچى: ياش-قۇرام ئامىلى

  جىنسىي تەلەپنىڭ قوزغىلىشى ئۇرۇقدان ئاجرىتىدىغان مۇھىم ئاتىلىق گورمون-تېستوستېروننىڭ رولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇقدان ئاجرىتىدىغان تېستوستېروننىڭ مىقدارىمۇ پەيدىنپەي تۆۋەنلەپ بارىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە 50 ياشتىن ئاشقاندا جىنسىي تەلىپى ئۆزلۈكىدىن ئاجىزلاشقا باشىلايدۇ.

   70ياشلارغا بارغاندا كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ يوقىلىدۇ. بۇ، فىزىئولوگىيىلىك قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن. كېسەللىك دەپ قاراشقا بولمايدۇ. 

 ئىككىنچىى: روھىي ئامىل

 بۇنى ئاساسلىقى ئەر-خوتۇننىڭ كۆڭلى بىر يەردىن چىقماسلىق ياكى ئاۋال ئايال تەرەپنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ئايالنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى كۆڭلى تارتماسلىقى، ئەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇھىت ياخشى بولمىسا، جىنسىي تەلەپ بىر مەھەل زىيادە بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭغا قارىتا بىزار بولۇش تۇيغۇسى پەيدا بولسىمۇ، جىنسىي تەلەپ ئاجىزلايدۇ.                                               

 ئۈچىنچىى: كېسەللىك ئامىلى

  مەزى بېزى ياللۇغى، ئۇرۇقدان خالتىسى ياللۇغى، ئۇرۇقدان خالتىسى ھۆل تەمرەتكىسى، غىلاپ پەردىسىگە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش، چوڭ چۇقۇق شۇنداقلا سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىق بىرقىسىم جىنسىي يول سېستىمىسى كېسەلىكلىرى جىنسىي ھەۋەسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. پۈتكۈل بەدەن خاراكتېرلىك بەزى كېسەللىكلەرنىڭ بەدەننى زەئىپلەشتۈرۈشى ۋە چارچىتىشى سەۋەبلىك جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشىدا تېخىمۇ گەپ يوق. بولۇپمۇ بەزى ئىچكى ئاجرالما ئاجراتقۇچى بەز كېسەللىكلىرى، مەسىلەن، بۆرەك ئۈسىتى بېزى ئۆسمىسى، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستىلاق ئىقتىدارنىڭ نورمالسىز بولۇشى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىز بولۇشى ۋە ئۇرۇقداندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار ئورگانىزىمدىكى تېستوستېروننىڭ ئىشلىنىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن جىنسىي تەلەپ مۇقەررەر ھالدا ئاجىزلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ سەۋەبى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جىنسىي تەلەپ ئاجىزلاش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شۈبھىسىزكى، يۇقىرىقى ئۈچ تەرەپنى تەھلىل قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، نېگىزلىك مەسىلە ھەل قىلىنسا جىنسىي تەلەپ چوقۇم ئەسلىگە كېلىدۇ.  


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇھەببىتىنى ماسلاشتۇرۇش سەنئىتىگە ماھىر بولۇش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەكمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .