ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا جىددىيلىشىش ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە، ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچىراش كېسەللىكى پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ---بوغدا دوختۇرخانىسى

  س X X 28 ياش، توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، پەرزەنتلىك بولالمىغان، تەڭتۈشلىرىنىڭ ئوماق باللىرىنى يېتىلەپ باغچىلاردا سەيلە قىلىۋاتقان، لەگلەپ ئۇچۇرتۇپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە بۇ بەختلىك ئائىلىلەرگە، ئوماقلارغا شۇقەدەر ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چوڭلار دائىم ئۇلارنى تېزراق پەرزەنتلىك بولۇشقا سۈيلەيتتى. گەرچە جىنسىي تۇرمۇشى خېلى كۆڭۈلدىكىدەك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولسىمۇ، دائىم ھېسسىيات گۈللىرى چېچەكلەپ مېۋە بەرمەيتتى، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بېسىمى خېلىلا بار ئىدى.

جىددىيلىشىش جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغا قالقان بولۇپ قالمىسۇن

  يېرىم يىل ئىلگىرى قايىم بولماسلىق تۇنجى قېتىم سادىر بولغان شۇ كۈنى، ئايالى بىلەن ئىككىسنىڭ ئىنتىزار بولۇپ ھېسابلاپ ئولتۇرغان "تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى"排卵期 ئىدى، ئايالى بولسا ئاياللار بۆلۈمىمىزدە تۇخۇمنى يوغانتىشقا قارىتا داۋالىنىپ، ئاياللار بۆلۈم دوختۇرىمىز بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇشىنى تاپىلاپ، ئامال بار بەك جىددىيلىشىپ كەتمەي، كەيپىياتنى ياخشى توغۇرلاپ، جىنسىي تۇرمۇشنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرشى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى. جىنسىي تۇرمۇشتىن ئاۋال، س X X "بالىلىق"قا تەشنا بۇ قەلبىدىكى جىددىيلىكنى ئازراق بېسىپ، كەيپىياتىنى ئوبدان تەڭشىۋېلىش ئۈچۈن، ئۈزۈم ھارىقىدىن ئازراق ئىچىۋالغان، ئەمما "ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ" دەپ قېرىشقاندەك س X Xنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قايىم بولمايلا مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقان. ئەتىسىمۇ ئوخشاشلا شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ قايىم بولماسلىق سەۋەبىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قايىم بولۇش توسالغۇسى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، ئايالى ئاغرىنىشقا باشلىغان، ئۇلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنى"تۇمانلىق ھاۋا" قاپلىغان.

  شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى مۇنداق دەيدۇ: بەزى قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچىراش بەدەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن بولماستىن، بەلكى روھىي ۋە پىسخىكىدىكى جىددىيلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىمارلاردا ئادەتتە كېچىدە ۋە ئەتىگەن ئويغانغاندا ئازراق قايىم بولغاندەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. يۇقۇردىكى س X X ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىدا تىپىك ھالدىكى پىسخىكا ئامىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگلىگەن، چۈنكى ئۇنىڭ بالىلىققا تەشنا قەلبى ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولغان بېسىم ئىچىدە بولغانلىقتىن، بولۇپمۇ تۇخۇم چىقىرىشتىن بۇرۇن دوختۇردىن ۋە ئايالىدىن كەلگەن ئالاھىدە "ۋەزىپە"نىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتەك بېسىمنىڭ تەسىرىدە پىسخىكا جەھەتتىن قاتتىق جىددىيلىشىش كېلىپ چىققانلىقتىن، قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچىراپ "مەغلۇپ بولۇش" كېلىپ چىققان.

  ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە، بەدەندىكى ھورموننىڭ خېمىيىلىك ماددا ئالمىشىشى قايىم بولۇشقا نىسبەتەن تەسىر كۆرسىتىپ، يۇمشاش رولىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا جىددىيلىشكەن ھالەتتە جىنسىي تۇرمۇشقا كىرىشكەندە، زەكەر قايىم بولماسلىق، ياكى قايىم بولغان بولسىمۇ ناھايىتى ئىتتىكلا يۇمشاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەنلا بىماردا ئەنسىرەش، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەش، جىددىيلىك كەيپىياتى پەيدا بولۇپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش پەيدا بولىدۇ. بىرە-بىرە مەغلۇپ بولۇش ۋە تولۇق قايىم بولماسلىق، ئەمىليەتتە نورمال ئەھۋال بولۇپ، لېكىن يەنە شۇنداق بولۇپ قېلىشىدىن جىددىيلىك پەيدا بولۇپلا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ھەقىقىي كېسەلگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: خىزمىتى بەك ئالدىراش بولۇپ چارچاش، خىزمەتتىن، شۇ مۇھىتتىن رازى بولماسلىق بىلەن، جىنسىي تۇرمۇش مۇھىتىدىن، ھوجۇرىسىنىڭ شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن قوشۇلۇپ پىسخىكىلىق قورقۇش بېسىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؛ بالىلىق بولالماسلىق بېسىمى، ئايالىنىڭ رازى بولماسلىقىدىن قورقۇش بېسىمى، جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇش بېسىمى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان پىسخىكىلىق جىددىيلىشىشمۇ ئوخشاشلا جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىرى چوڭ بولىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ساغلام ئەرلەر، بەزىدە خىزمەت، تۇرمۇش، كەيپىيات، سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن، بىرە-بىرە بىر ئىككى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولۇشى، تولۇق قايىم بولماسلىق، تولۇق قاتماسلىق، ۋاقتى قىسقا بولۇش بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇشى، ھەرگىزمۇ پىسخىكىلىق جىددىيلىكتىن كېلىپ چىققان ئىقتىدار توسالغۇسى ئەمەس. شۇڭا بۇ خىل تەسىرلەرنىڭ ئاسارىتىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئەلۋەتتە، س X X ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بوغدىنىڭ ئۆزىگە خاس پىسخىكىلىق داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن يۈرۈشلەشكەن داۋالاش ئەندىزىسى بويىچە دوختۇر بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، داۋالاشنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىدار جەھەتتە ئەسلىگە كېلىپ، ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە تېخى ئوماق بىر پەرزەنتلىكمۇ بولدى.

مەنبە: ئۈرۈمچى بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈمى

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى ماتېرىيالغا تەييارلىغان  


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللارغا جىنسىيەت كېرەكمۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە مەنى تېز يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالى بالىلىق بولۇشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .