ناتايىن چۈنكى قەلبى جاراھەتلەنگەن، نىكاھتا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ۋە جىنسىي ھەۋىسىنى ئاڭلىق ھالدا چەكلىگەن ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشنى جەزمەن بىر خىل ئازاب دەپ ھېسابلايدۇ شۇڭا، تۆۋەندىكى سۆزلەر ئۇلارغا باپ كەلمەيدۇ، پەقەت ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببىتى يەنىلا ياخشى، جىنسىي تۇرمۇشى ئاساسەن ئوڭۇشلۇق ئاشۇ ئاياللارغىلا ئىلھامى بولار دېگەن ئۈمىدتىمەن --- ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسىسى ئەركىن ھاشىم

  ئاياللارغا قانداق جىنسىيەت كېرەك؟ ئۇلارغا كېرىكى ھەرگىزمۇ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانىلا بولماستىن، جىنسىي تۇرمۇشتا جىنسىي قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە تېخىمۇ كۆپ يېتىشى (سۈپىتى) دۇر. ئادەتتە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا دېگۈدەك ئاسانلا يۇقىرى پەللىگە يەتكەچكە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئالاقە قېتىم سانى بىلەن جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن قېتىم سانى دېگۈدەك تەڭ بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار جىنسىي ئالاقە قېتىم سانىغا ئادەتتىن تاشقىرى ئېتىبار بېرىدۇ. ئەمما ئاياللار بۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەڭ سەزگۈر جىنسىي رايونى تېخىمۇ يوشۇرۇن، پسىخىك جەھەتتە تېخىمۇ پاسسىپ ۋە ئىتائەتچان، ئىجتىمائىي قاتلىمى جەھەتتە ئاسارەتكە تېخىمۇ بەك ئۇچرايدىغان بولغاچقا، جۇڭگودىكى شەھەرلىك خوتۇنلار ھەر 10 قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پەقەت 4 قېتىمدىلا جىنسىي قوزغىلىشى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، يەنە تەخمىنەن 6/1 قىسىم خوتۇن جىنسىي قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىنىڭ تەمىنى ئەزەلدىن تېتىپ باقمىغان.

ئاياللارغا جىنسىيەت كېرەكمۇ؟

  ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ سانى بىلەن سۈپىتى نىسپىي ئايرىم بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيدىغان ئەر كىشى ياخشى ئەر ھېسابلانمايدۇ، جىنسىي ئالاقىدە جىنسىي قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتمەسلىكى خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوبدان ئىش ئەمەس، بەزىدە بۇ خىل ئەھۋال كۆپ بولغانسېرى ئەكسىچە خوتۇننىڭ كۆڭلىگە شۇنچە ئازار يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى شۇنچە سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە ئۇلارنى جىنسىي تۇرمۇشتىن شۇنچە زېرىكتۈرىدۇ.

  ئويلاپ باقايلى، دۇنيادا جىنسىي ئالاقە قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئايال كىم؟ پاھىشە، ئەجىبا، ئۇلار ساغلام ۋە بەختلىكمۇ؟ چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ تىجارىتى بولغاچقا، جىنسىي قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىدىن زادى سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەر-خوتۇنمۇ مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۆزىنى پەسلەشتۈرگەنلىك بولماي نېمە؟


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئالدىن بەلگىلەشنىڭ ئەرلەرگە تەسىرى چوڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىددىيلىشىش جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغا قالقان بولۇپ قالمىسۇن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .