سىنگاپوردا ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا (ED) ئائىت بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاقىتنى ئالدىن بەلگىلەپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەرلەرگە بېسىمى بەك چوڭ بولىدىكەن

سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پروففىسورى، جىنسىيەت تىببىي مۇتەخەسىسىسى Ganesan Adaikan بۇ ھەقتە مۇنداق كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى: "ئەرلەرنىڭ ئېتىبارغا ئالىدىغىنى قانچە كۆپ بولغانسېرى،ئۇلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ تىكلىنىشى شۇنچە قىيىنراق بولىدۇ." ئۇ يەنە مۇنداق كۆرسەتمە بەردى، مۇقىم ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئەرلەرنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ ۋە تۆۋەنلىتىپ، ئېغىرلاپ كەتكەندە قاتماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئالدىن بەلگىلەشنىڭ ئەرلەرگە تەسىرى چوڭ

   بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت ئەرلەر جىنسىيەت تەتقىقات مەركىزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 40ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا تۇتقان پوزېتسىيەسى ۋە ئەرلەردىكى ئىقتىدار توسالغۇسىنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى تەكشۈرۈشنى ئاساسىي تەتقىقات مەقسىدى قىلغان.

بۇ تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ نەتىجىسى "دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، سىنگاپوردا 320مىڭدىن ئارتۇق ئىقتىدار توسالغۇسىغا ئۇچرىغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدە يېرىمى دىگۈدەك 40ياشتىن ئارتۇق ئەرلەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇڭا، جىنسىي مۇناسىۋەتتە، ئويلىغانلا بولسىڭىز ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ، ئالدىن ۋاقىت بەلگىلەپ، ئۇنچىۋالا ئويلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق!


ئالدىنقى ماقالىمىزدا گاندون سوغاق كېلەمدۇ! تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللارغا جىنسىيەت كېرەكمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .