جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانىغا بىر توغرا چەك قويۇش ناھايىتى تەس چۈنكى بىر ئادەم بىلەن بىر ئادەم ئارىسىدىكى پەرىق ناھايىتى چوڭ بولۇپ , بىر جۈپ ئەر خوتۇننىڭمۇ ئوخشىمىغان ئەھۋال ئاستىدا , جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ئوخشىمايدۇ يېڭى توي قىلغان ئەر ئايالنىڭ جى

          نورمال بولغان جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى:جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگننىڭ ئىككىنجى كۈنى روھىي چۈشكۈنلىشىش , باش قېيىش ,ھارغىنلىق , بىئاراملىق ھېس قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە بۇ نورمال جىنسىي تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ . ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ,چىكىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك لازىم . چىكىدىن ئېشىپ كەتسە ھەرخىل قوشۇمچە تەســئىــر كۆرۈلۈپ , بەدەنگە زىيانلىق ئېلىپ كېلىـــــدۇ . شۇڭلاشقا جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنى كونتىرول قىلىش ناھايىتى مۇھىم .

           جىنسىي تۇرمۇشنىڭ چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى : چىرايى سارغىيىش , بەدەن ئورۇقلاش , روھىي ھارغىنلىق , نەپەس قىسقا بولۇش , سوغۇق تەرلەش , ئۇيقۇسىزلىق , كۆپ چۈش كۆرۈش , ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش . ئەگەر يۇقارقى "سىگناللار" كۆرۈلگەن چاغدا , ئۆزىڭىزنى ئەسكەرتىڭ : جىنسىي تۇرمۇش سىزگە "ئېغىر يۈك " بولۇپ قاپتۇ , دەرھال تۈزىتىڭ .

           بۇ "سىگناللار"نىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن , جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى نورمال ئازايتىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئىككى ئىشقا دېققەت قىلىش لازىم :

           1. قاتتىق جىسمانىڭ ھەركەتتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك.

           2. ھاراقتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك .

           ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا , جىنسىي تۇرمۇش نورمال بولغان ياخشى . بۇ ئادەمنىڭ بەدەننى ئاسراشدىكى مۇھىم بىر ئامىـل . جىنسىي تۇرمۇشقا چۆكۈپ قېلىش , خىزمەت , ئۆگۈنۈش , تەن سالامەتلىكى قاتارلىقلارغا زىيىنى بولسا بولىدۇكى ,ھەرگىز پايدىسى يوق . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىنسىي ئىقتىدار نورمالسىزلىققا گىرىپتار بولۇش ئۇيات بولىدىغان ئىش ئەمەس تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم جىنسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .