بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرخىل جىنسىي ئىقتىدار نورمالسىزلىقىغا گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ ، بۇخىل كېسەلگە گىرپتار بۇلۇشنىڭ ئىنسان غورۇرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق

 بۇخىل كېسەلگە گىرپتار بولغانلارمۇ باشقا بارلىق كېسەلگە ئوخشاش ھېسداشلىق قىلىنىشى ، ھۆرمەتلىنىشى كېرەك ، مۇھىمى داۋالاش چارىسى مۇۋاپىق بولسىلا ، بۇ خىلدىكى كېسەللەرنىڭ كۆپچىلىكى تۇلۇق ساقىيىپ نىجاتلىق تاپالايدۇ .
 
 شۇڭا ئۆزىدە جىنسى قابىلىيەت جەھەتتە نورمالسىزلىق ھېس قىلغاندا ، ۋاقتىدا يۈرەككلىك ھالدا كەسپى دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. دوختۇرنىڭ ئۆزىنى تۇلۇق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىغا ، ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ۋە مەخپىيەتلىكنى تولۇق ساقلايدىغانلىقغا ئىشىنىش كېرەك، شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇزاق مەزگىل ئۆزىنى نورمالسىز ھېسابلاپ ئازابلىنىپ يۈرۈش ئۆزى ۋە ئەتراپدىكىلەرگە ئۆگىنىش ، خىزمەت ، روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىق قاتارلىق جەھەتلەردە مۆلچەرلىگۈسىز زەخمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .  

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرەپنىڭ مەدەت بېرىشى ھەم غەمخ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي تۇرمۇش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان «سىگناللار» توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .