بىر ئايالغا نىسبەتەن ، يولدىشى بەدىنى ساغلام بولۇپ ، جىنسىي تۇرمۇشى ئەزەلدىن سۈپەتلىك ياخشى بولۇۋاتقاندا ، توساتتىن بىر ئىككى قېتىم نورمال تۇرماسلىقى ، تولۇق قاتماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئەر تەرەپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ، خۇددىي ئايالىغا يۈز كېلەلمىگەندەك بو

               ئەمەلىيەتتە ئەرلەرگە نىسبەتەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ، قېتىش تەسكە توختاشتەك ئەھۋال دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . بۇ قىسمەن كېسەللىكلەرنى ئېلىپ ئېيتمىغاندا ، بەزىدە قاتماسلىق ھەرگىزمۇ جىنسىي ئىقتىداردا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ . بۇلار بەلكىم ، ھاراقنى زىيادە ئىستىمال قىلىش ، كەيپىياتى نورمال بولماسلىق ۋە ياكى زىيادە چارچاپ كېتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ . 

               شۇڭلاشقا ، ئەرلەر بۇ مەسىلىگە توغرا چۈشەنچە بولۇشى ھەم قوبۇل قىلىشى كېرەك .بۇ سەۋەبىدىن قورقۇپ ، دەككە -دۈككە ئىچىدە ياشىمىسىمۇ بولىدۇ . ھەرگىزمۇ دېققەتنى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بەھرى ئېلىشتىن جىنسىي ئورۇن نورمال بولۇش بولماسلىقى ، ئايالىنى قاندۇرالىغان قاندۇرالمىغانلىقىدەك مەسىلىلەردىن ئەنسىرەشكە يۆتكىمەسلىك لازىم . بولمىسا تەتۈر ئۈنۈم پەيدا بولۇپ ، مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش ، قاتماسلىق تەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن .

               بۇنداق ۋاقىتلاردا ، ئايال تەرەپ تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ ، بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە ، ھەرگىزمۇ يولدىشىڭىزنى مەسخىرە قىلىش ياكى ئەيىبلەش بولماستىن بەلكى يولدىشىڭىزغا مەدەت بېرىپ ، غەمخورلۇق قىلىپ روھىي جەھەتتىكى بېسىمىنى يىنىكلىتىشىڭىز كېرەك . چۈنكى بۇنداق چاغدا ، ئەر تەرەپنى مەسخىرە مازاق قىلسڭىز ، ئەرلەرگە نىسبەتەن بۇ بىر زاھايىتى زور زەربە بولۇپ ، يۇقارقى ئەھۋاللار تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن .

                شۇڭلاشقا ئايال تەرەپ ئەر تەرەپكە كۆيۈنۈشى ، ئەر تەرەپكە ياردەم قىلىپ ۋاقىتلىق كۆرۈلگەن بۇمەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ ، ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي ئىقتىدار نورمالسىزلىققا گىرىپتار بولۇش ئۇيات بولىدىغان ئىش ئەمەس توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .