1 ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە جىنسىي قۇشۇلۇشنى ئادا قىلىشتا ئەر _ خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان

 1 . ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە جىنسىي قۇشۇلۇشنى ئادا قىلىشتا ئەر _ خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئىشلىرىنى مۇكەممەل بىلىش ۋە تۇلۇق ئىگىلەش ئىنتايىن زۈرۈر . 
ــــــــــــ خەلىپە ئۆمەر 
 
2 . بارلىق ھاياتلىق مەسىلىلىرى ئىچىدە ھاياتلىقنى مەڭگۈ ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرىكەت ۋە جەريانلارنى بىلىشتەك مۇھىم ئىش بولمىسا كىرەك . 
ــــــــــــ كارمىل موكلېر 
 
3 . ئەگەر بىر ئەركەك نىكاھ ئىشىغا ئۆز خىزمىتىگە قاراتقان زىھنىي كۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىنىلا سەرپ قىلسا ، ئۇنداقتا نۇرغۇن ئائىلىلەر بەختلىك ئائىلە بولغان بولاتتى . 
ــــــــــــ روبېرت خاس 
 
5. ئۇ مۇھەببىتىمدە ھەرگىز شەھۋەت يوق ، دەپ تۇرۇۋەرسە ، مەڭگۈ شەھۋەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ . 
ـــــــــ << قىشتىكى چۆچەك >> 
 
6. ئەڭ مۇھىمى كۈيۈنۈش ۋە ھالىغا يىتىش ، جىنسىي ھەۋەس بىر شاش ئات . ئۇنى باشقۇرۇشنى بىلىشىڭ كىرەك . ئاللاھ ساڭا ئالىيجاناپ ، كەڭ كۆڭۈل - كۆكسى ئاتا قىلغان بولسا ، بۈگۈن ئەپلەشتۈرەلمىسەڭ ئەتە قىل ياكى ئۆگۈن قىل . 
ــــــ خەلىپە ئۆمەر 
 
7 شەھۋەت جىنايەت ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە . ئۇ ھاياتلىققا بولغان تىۋىنىش ، ئۇ خۇدانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلغان سوۋغىتى ، ئۇ خۇددى باھار ۋە يازنىڭ غۇر - غۇر شامىلى . بىز ناھايىتى سەگەك كۆڭۈل بىلەن ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭدىن لەززەت ئېلىشىمىز كىرەك . پىشىپ يىتىلگەن بارلىق ساغلام ئەر - ئاياللار ئۇنىڭغا تەشنا ۋە مۇھتاج . 
ــــ گۇستاۋ فېرىنسون 
 
8 . ئىشق ئوتىنىڭ بالاسىدىن توي قىلمىغۇچە قۇتۇلغىلى بولماس . 
<<<................مەكتۇبلىرى >>> 
 
9 . جانلىق پىكىر قىلالايدىغان ، خارەكتىرى مۇلايىم ئاياللار ئۆزىنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى قانداق قىلغاندا ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . ئالايلۇق ، ئۇلار ئۆزىنى چۈشىنىدۇ ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ ، كەمچىلىكىنىمۇ چۈشىنىدۇ . بۇ ناھايىتى قەدىرلىنىشكە تىگىشلىك ئىش ، شۇنداقلا ئاسان قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس . 
ـــــــ جولس خولد 
 
10 . ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە سەل قارايدىغان ئەھۋال ئەرلەردە شۇ قەدەر ئۇمۇميۈزلۈككى ، بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بىر تۇرۇپ ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ . 
ـــــ كارمېل موكرا 
 
11. بۇ بىر مۇكەممەل داستان . ئاۋۋال ئۇنىڭدا بىر خىل ئارزۇ - ئىستەك ئويغىتىشىڭ ، ئاندىن ئۇنى ئاسرىشىڭ ، پەرۋىش قىلىشىڭ ، ئۇنى ئېچىلدۇرۇشۇڭ ، غىدىقلىشىڭ ، ئاخىرى ئۇنى قانائەتلەندۈرۈشۈڭ كىرەك . 
ــــــــــ بالزاك 
 
12 . پەقەت نىكاھ ئارقىلىقلا ئاياللار ئەرلەرنىڭ ياردىمىدە مۇكەممەللىشىدۇ ۋە تولىدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ مۇكەممەللىكى ئەرلەر بىلەن ئايالارنىڭ قۇشۇلىشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن . 
ـــــــ خىپېر 
 
13 . كۆڭۈل خوش قىل ، مۇكەممەل قىل . 
ــــــــــ سىپېنوسا 
 
14 . پاك ، لاتاپەتلىك ئايال ھەم ئۆز نۆۋىتىدە جىنسىي ھاياجىنى ئۇرغۇپ تۇرغان ئايال بولالايدۇ . 
ــــــــــ بالزاك 
 
15 . مۇھەببەت داۋامىدا خۇشاللىق كۈيىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر نازۇك تەرىپىنى چۇقۇم ھوشيارلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىش كىرەك ، ئاندىن ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ ، ئۇنى ئۆزگىچە پەرقلىق شەكىل بىلەن ئىپادە قىلىش كىرەك . بۇ پۈتۈنلەي ئەرنىڭ ھۈنىرىگە باغلىق . 
ئەگەر ئەر -ئاياللار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت بولمىسا ، بۇ ھۈنەرمۇ ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ . لىكىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى ئېرىتىش ، ئەيلەش ھەرگىز ئەخلاقسىز ، شاللاق ھەركەت بولماسلىق كىرەك . 
ـــــــ بالزاك . 
 
16. بەختلىك نىكاھ ئۆز - ئارا كۈيۈشكەنلەرنىڭ . 
ــــ سىتار خانىم 
 
17 . نىكاھ دىگەن نىمە ؟ ئۇ ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەخسەت ، ھەركەت ۋە تەجرىبىدىن ئىبارەت . نىكاھتىكى ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك خوتۇن كىشىنىڭ تارتىدىغان جاپاسى ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ مەڭگۈ قانائەت تاپمايدىغان ئارمان ئىچىدە ياشىشى . ئاخىرىدا ئىرىنىڭ زېرىكىشى تۈپەيلى تۇرمۇشتا ىۇددى تۇل خۇتۇندەك غېرىپسىنىپ قېلىشى . 
ئېرىنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىدىغان زادى نىمىدۇ ھە ؟ 
ئۇلارغا دەسلەپكى بىرىككەن كۈنلەرگە يېڭىۋاشتىن قايتىش نىسىپ بولسا بۇ شۇ چاغدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقنى تەڭ تارتىشقان بولماسمىدى ؟ ! ئۇ شۇنداق قىلاتتى ، پۈتۈنلەي ئۆزىنى كۆزلىگەن ھالدا ئېرىنىڭ دەردىنى ، غەم - ئەندىشىسىنى تەڭ تارتىشىپ بىرەتتى ، ئارمىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولاتتى ، مۇشۇ ئارقىلىق يۈرىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئېرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولاتتى . ئەگەر ئىككىسىنىڭ دەردى ئورتاق ، ئازابىمۇ ئورتاق بولسا ، شۇ ئېغىرچىلىقلارمۇ بىر - بىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆتۈپ كەتمەسمىدى !؟ ئورتاق دەرد- ئەلەم ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشىدىكەن . دەرد - ئەلەمنى تەڭ تارتىشمۇ مۇھەببەتنىڭ يەنە يېڭىدىن تۇغۇلۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن . 
ــــ جۇلس مېشلېر 
 
18 . ئايال ھامان ئېرىگە ئىتائەت قىلىدۇ ، ئەر ئايالنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ . 
ـــــــــــــ بالزاك 
 
19 . مۇھەببەتتە ئىسسىق ئەمەس ، سۇغۇق ئەمەس ، ھالال ئەمەس ، ھارام ئەمەس بولىۋېلىشقا ئورۇن يوق . ئەر ئايالىنى ھۈكۈمرانلىق تۇيغۇسى بىلەن قۇچاقلىماسلىقى كىرەك ؛ ئۇنداق قىلسا ، ھەرگىزمۇ ئايالىنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە نائىل بولالمايدۇ . پەقەت ئۇنىڭ بىزار بولۇشىنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئاياللاردا بىزارلىق ئۇلىنىپلا كىلىدىغان نەرسە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . 
ــــ مىچېلېد 
 
20 . زېمىندىكى ھايۋانات ، 
ئاسماندىكى قۇش_قانات ، 
دېڭىزدىكى بېلىقلار ، 
جاھاندىكى مەخلۇقات ، 
جۈپتى بىلەن ئۆز -ئارا 
بولۇشاركەن قول _ قانات . 
نە ئۈچۈنكى بىر مەنلا 
يارالغانمەن يالغۇزلا . 
نە جۈپتۈم يوق ، نە خوشلۇق ، 
نە قىلاي مەن ، ئەي ئاللاھ! 
 
__ ياكوپ كېتىس 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشلىق دەۋىردە بالدۇر جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ قالماڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي ئالاقە قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .