ياشلىق دەۋرىگە ئەمدى قەدەم قويغان قىزلار ، ئىچكى كۆپىيىش سىستېمىسى تېخى پۈتۈنلەي تەرەققىي قىلىپ بولالمىغاچقا ، بۇ ۋاقتىدا ئالدىراپ بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قالسا ، بەدىنىگە زور تەسىرى بار بۇ تەسىرلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچ

 
           1. بالدۇر جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ھامىلدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ .

           چۈنكى ياشلىق دەۋرىدىكى قىزلار كۆپىنچىسى تېخى توي قىلمىغاچقا ، بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قېلىپ ھامىلدار بولۇپ قالسا ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھامىلىنى چۈشۈرۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ . ھامىلىنى چۈشۈرۈش تېخى ئەمدى پىشىپ يېتىلىۋاتقان قىزلارنىڭ جىنسىي كۆپىيىش سىستېمىسىگە زور زىيىنى بار . ھامىلىنى چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە ، بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، مەسىلەن يۇقۇملىنىش ، قاناش ، بالىياتقۇدا تۈشۈك پەيدا بولۇش ھەتتا تويدىن كېيىنكى ئادەتلەنگەن ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ، تۇغماسلىق قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن . بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئەتراپتىكى سۆز-چۆچەك ، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەش قاتارلىقلار قىزلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا زور زەربە بولۇپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ . 
 
 
           2 . بالدۇر جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بېرىش ، جىنسىي كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ زەخىملىنىشى ھەم يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

           يېڭى ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان قىزلارنىڭ جىنسىي كۆپىيىش ئەزاسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا ، سىرتقى جىنسىي ئەزا ھەم جىنسي يول قاتارلىق ئورگانلار ھەممىسى بىرقەدەر نازۇك كېلىدۇ ، جىنسىي يولى قەۋىتى بىر قەدەر نېپىز بولۇپ ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە جىنسىي ئەزالارنىڭ سۈركىلىشى بىلەن ئاسانلا يىرتىلىپ ، قاناپ كېتىدۇ . بۇ ئەھۋالدا يەنە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك باكتېرىيلىرىنىڭ كىرىپ كېتىش ھەم جىنسىي يولدا تۇرۇپ قېلىپ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 
 
 
           3.بالدۇر جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش قىزلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە زور تەسىرى بولىدۇ .

           چۈنكى كۆپىنچە ئەھۋاللار ئاستىدا ، بالدۇر جىنسىي تۇرمۇش ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈزۈلگەچكە ، لازىملىق بولغان بەزى تەييارلىقلار كەمچىل بولىدۇ.مەسىلەن توغرا بولغان جىنسىي تەلىم تەربىيە ھەم روھىي تەييارلىقلار . جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن يەنە ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەش ، قورقۇش ، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەش قاتارلىق روھىي جەھەتتىكى بېسىملەر سەۋەبىدىن ، ئەرلەردىن سەسكىنىدىغان ، جىنسىي تۇرمۇشتىن قورقىدىغان ، جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەيدىغان ، جىنسىي سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 
 
 
           4.بالدۇر جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش يۇقارقى بىر قانچە زىيانلىق تەرىپىدىن سىرت يەنە ، جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارغان قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ھەم ئۆگىنىشىگە تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ .

           ئەمدى ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان قىزلار كۆپىنچىسى ئۆگىنىش دەۋرىدە بولىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا يۇقارقىدەك روھىي بېسىملارغا دۇچ كەلگەندە ئۆگىنىشتە دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان ، رايى يېنىپ كېتىدىغان ۋە باشقا پاسسىپ ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ . بۇ ھەم ئۆزىگە ، ئائىلىسىگە ھەم ئەتراپتىكى كىشىلىرى ھەممىسىگە تەسىر قىلىدۇ . 
 
شۇڭا ياشلىق دەۋرىدىكى قىزلار كۆپىنچە ۋاقىت ھەم زېھنىنى ئۆگىنىش ، خىزمەتكە بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز . 
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز تۇتۇش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نىكاھ، جىنسىيەت، مۇھەببەت ھەققىدە مەشھۇرلارنىڭ ئۈگۈتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .