جىنسىي مۇناسىۋەت بىر ئائىلىدىكى ئەر-ئايال تەرەپكە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر مۇناسىۋەت ئەر-ئايال تەرەپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرگىلى ، بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغىلى بولىدۇ

              لكىن ھەر قانداق ئىش چوقۇم نورمىلىق ، تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك ، بولمىسا ، كېسەللىك ، كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىپ ، ئاخىرىدا ئائىلە بۇزۇلۇش ئەھۋالىمۇ كېلىپ چىقىدۇ .

               جىنسىي تۇرمۇشنى ساغلام قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دېققەت قىلىش كېرەك :

               1.بەدەندىكى بىرەر جاي ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندا ، جىنسىي تۇرمۇشقا ئۆزىنى ياكى قارشى تەرەپنى زورلىماسلىق كېرەك .

               2.چارچاپ كەتكەندە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ، بولمىسا زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ .

               3.كەيپىيات ناچار ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە زورلىماسلىق كېرەك ، بولمىسا قارشى تەرەپكە ئۆچ بولۇشتەك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ،  كېيىنكى جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

               4.ئاياللار ئادەت كەلگەندە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ، ئادەت كەلگەندە ، بالىياتقۇ ئېغىزى كېڭىيىپ ، ئىچكى پەردە سويۇلۇپ چۈشۈش ، قانغا تولۇش ، بەدىنى ئاجىز ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ، ئادەت قالايمىقانلىشىش ، ئادەت ئاغرىش ياكى ئادەت كەلمەسلىكتەك كۆپ خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

               5.ئاياللار ھاراق ئىچكەندە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ، ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا ھامىلدار بولۇپ قالسا ، مەيلى چۈشۈرۋەتسۇن ياكى چۈشۈرۋەتمىسۇن ، ھەممىسى ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

               6.تازىلىقى پاكىز بولمىغان جايدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ، باكتىرىيەلەر ئىككىلى تەرەپنىڭ بەدىنى ئىچىگە كىرىپ كېتىپ ، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

               7.قاتتىق تويۇنغاندىن كېيىن ياكى ئاچ قالغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك .

               8.روھىي جەھەتتە قاتتىق جىددىيلەشكەندە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ، بولمىسا ئايال تەرەپنىڭ ئاغرىقىنى كۈچەيتىپ قويۇشى مۇمكىن .

               9.ئوپىراتسىيىدىن كېيىن جىنسىي مۇنسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ، دەسلەپكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە (12 ھەپتە ئىچىدىكى ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ) بالىنى چۈشۈرۋەتكەنلەر 1 ئاي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ؛  ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە ( ئوتتۇرىدىكى 16 ھەپتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بالىنى چۈشۈرۋەتكەنلەر 1 يېرىم ئاي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك ؛ تۇغۇتتىن كېيىن 2 ئاي جىنسىي مۇنسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا توي قىلىش ئالدىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشلىق دەۋىردە بالدۇر جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ قالماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .