توي قىلىشنىڭ ئالدىدىكى تەكشۈرۈش ياش ئەر-ئاياللارنىڭ توي قىلىش رەسمىيەتلىكىنى ئۆتەش ئالدىدا پۈتۈن بەدەننى تەكشۈرۈشۈنى كۆزدە تۇتىدۇ

            نىمە ئۈچۈن توي قىلىشنىڭ ئالدىدا پۈتۈن بەدەننى تەكشۈرتۈش كېرەك؟

           چۈنكى تەكشۈرتۈش توي قىلغان ئەر-ئايالنىڭ بەدەن سالامەتلىكىگە , بەختىگە ھەم كېيىنكى بالاھەم نەۋرىلىرىنىڭ ھەم مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ناھايىتى پايدىلىق . تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە ئېرسىيەت كېسىلى , ئېرسىيەتلىك كامچچىللىق نىڭ بار يوقلۇقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . ئەگەر بۇنداق كېسەللىكلەر بولسا توي قىلماسلىقنى ياكى بولمىسا بالىلىق بولماسلىقنى تەۋسىيە قىلىپ , ئېرسىيەتلىك كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشنىڭىڭ ئالدىنى ئېلىپ , تۇغۇت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .

           بۇتەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ توي قىلسا بولمايدىغان ياكى ھامىلدارلىق بولسا بولمايدىغان كېسەللىكنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . مەسىلەن ئۆتكۈر خاراكتىرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك , روھىي كېسەللىك , قان كېسىلى , جىنسىي كېسەللىك ھەم ئېغىر يۈرەك كېسىلى , جىگەر ،يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلار . ئەگەر كېسەللىك بولۇپ قالسا , بەدەندىكى بۇ كېسەللىكلەرنى ئاۋۋال داۋالاپ ساقايتىپ ئاندىن توي قىلىشى لازىم , بۇ ئىككىلا تەرەپنىڭ بەدەن سالامەتلىكىگە پايدىلىق . 

           بۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە كۆپىيىش سىستىمىسى كېسەللىكى ياكى كەتۈكلۇك بار يوقلىىنى تەكشۈرۈپ چىقىرىپ , تويدىن كېيىن ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ھەم زىددىيەتلەردىن ساقىلىنىۋالغىلى بولۇپ , مۇھەببەتنىڭ پارچىلىنىشىنڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . بۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن , دوختۇرلاردىن جىنسىيەتكە پايدىلىق بولغان بىلىملەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ , بۇ ئارقىلىق تويدىن كېيىنكى جىنسىي تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ,تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەل , بەخىتلىك قىلغىلى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىلانلىق تۇغۇت توغرىلىق بىلىملەرنى ئېگەللەپ , پىلانلىق تۇغۇتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ .

           تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ساغلاملىق توغرىسىدا ساۋات ئېلىش ھەم بەدەن تەكشۈرتۈش قاتارلىق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى كېرەك . ساغلاملىق ساۋاتتا ئەر ھەم ئايالنىڭ نۆۋەتتىكى بەدەن ئەھۋالى ,بۇرۇن قانداق كېسەل بولغان , كېسەل ئاسارىتى بار يوقلىقى , ئېرسىيەتلىك كېسەللىكى , يۇقۇملۇق كېسەللىك , روھىي كېسەللىك بار يوقلىقنى ئېنىق بېلىۋىلىشى لازىم . يەنە ئاتا-ئانا ھەم تۇغقانلىرىنىڭ بەدەن سالامەتلىك ئەھۋالى , ئېرسىيەتلىك كېسەللىكى , ئېرسىيەتلىك كەمتۈكلۈك , غەيرىيلىك بار يوقلىقىنى بىلىۋالسىمۇ بولىدۇ .

           بەدەن تەكشۈرتۈشتە يۈرەك , جىگەر ,يۈرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالاردا كېسەللىك بار يوقلىقنى , رولىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى , بەدەن ئۆسۈپ يىتىلىشىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى , غەيرىيلىك ياكى كەمتۈكلۈك بار-يوقلىقنى , جىنسىي كېسەللىكى بار يوقلىقىنى تەكشۈرتۈش لازىم . يەنە بىر قانچە خېمىيىۋىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم , مەسىلەن قان تىپى , جىگەر،يۈرەك رولى تەكشۈرۈش , سىفلىس(قارا يەل)قان تەكشۈرۈش ھەم ئەيدىز كېسىلى تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى لازىم . ئەڭ ئاخىرىدا جىنسىي بىلىم ھەم تۇغۇت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش لازىم .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تويدىن بۇرۇنقى جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز تۇتۇش كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .