قىز-ئوغۇللار مۇھەببەتلەشكەندە , ئىككى تەرەپ بىللە بولىدىغان ۋاقىت كۆپ بولۇپ , ھېسسىيات ناھايىتى ئاسان داۋالغۇيدىغان مەزگىل , توغرا تېزگىنلىمىگەندە ھەم كونتېرول قىلمىغاندا , ئاسانلا ئەھۋاللار چىقىدۇ , بۇ ئىشلار نىكاھسىز ھامىلدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

        1.نىكاھسىز ئۆي تۇتۇش : بۇ چاغدا قانوننىڭ كاپالاتلىكى ئاستىدا بولمايدۇ , جەمئىيەت ھەم قېرىنداشلار ھەم دوستلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرايدۇ , قانونىي كۈچكە ئېگە ئەمەس . بۇ ھەم تەسسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشى مومكىن .

         2. تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەر خوتۇنلار , تويدىن كېيىن بىر-بىرسىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ , بولۇپمۇ ئەرتەرەپ ئايال تەرەپكە ئىشەنمەيدىغان , قارشى تەرەپنىڭئۆزىگە سادىق ئەمەس دەپ گۇمان قىلىدۇ , ئۇلار بىكاردىن بىكار گۇمان قىلىپ , ئايالىنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ . شۇڭلاشقا نىكاھدىن بۇرۇن ئۆي تۇتۇش مۇھەببەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ياردەم بولماستىن بەلكى دائىم تەتۈر تەسىر كۆرسىتىشى مومكىن .

         3. فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجغا مۇۋاپىق كەلگەن جىنسىي مۇناسىۋەت , گۈزەل , شېرىن مۇھىتتا ھەم ھېسسىياتلىك , خوشال روھىي كەيپىيات ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم , شۇ چاغدىلا ئاندىن جىنسىي ھەۋەسنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ , ئىككىلا تەرەپ مەمنۇن بولالايدۇ . بۇنداق تۇرمۇش ئىمكانىيىتى پەقەت توي قىلغاندىن كېيىنلا بولالايدۇ . تويدىن بۇرۇن ئۆي تۇتۇپ بىللە تۇرغاندا , روھىي جەھەتتىن جىددىلىشىش , قورقۇش ,بولۇپمۇ قىز تەرەپ جىنسىي يۇقىرى پەللىگە چىقىش مومكىنچىلىكى ناھايىتى كىچىك , شۇڭلاشقا دائىم قىز تەرەپنىڭ جىنسىي سوغۇققانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ , تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرى ھەم مۇھەببەتكە تەسىر يېتىدۇ .

        4.تويدىن بۇرۇن ئۆي تۇتۇش جىنسىي بىلىملىرىنىڭ كەم بولۇشى ھەم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش شارائىتنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن , دائىم جىنسىي تازىلىقىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ , ناھايىتى ئاسانلا سۈيدۈك سىستىمىسى يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ . قىز تەرەپ نىكاھسىز بولغاچقا , دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈشتىن قورقىدۇ , بۇ كېسەللىكنىڭ سوزۇلۇپ ئۆزگىرىپ سوزۇلما خاراكتىرلىك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ , داۋالاشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى يۇقىرىلاشتۇرۋېتىدۇ ھەم كېيىنكى ھامىلدار بولۇش نىسپىتىنى تۆۋەنلەشتۈرىۋىتىدۇ.

        5. نىكاھدىن بۇرۇن ئۆي تۇتۇپ بىللە تۇرۇش ۋاقتىدا ھامىلدار بولۇشتىن ساقلىنىش ۋاستىلىرىنى ياخشى قوللانىمىغاچقا , ناھايىتى ئاسانلا نىكاھسىز ھامىلدار بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھامىلدار ۋاقىتدا روھىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ, سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈگەندە , تولۇق ئارام ئېلىش ھەم ياخشى ئوزۇقلۇقلار بىلەن بەدەننى كۈچلەندۈرۈش سەل قارالسا , باشقا ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا بولۇشى مومكىن .

        سۆيگىنىڭىز , ئائىلىڭىز ,جەمئىيەت ھەم ئەۋلاتلىرىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن , مۇھەببەتنىڭ قىززىق قاينىمىدىكى جۈپلەر ئۆزۈڭلارنى ھەم بىربىرىڭلارنى ھۆرمەتلىشىڭلارنى , قەدىرلىشىڭىزلارنى , سۆيىشىڭلارنى , سەگەك , ئوچۇق مېڭە بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت كە توغرا پوزىتسىيىدە بولۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز .
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا گاندون(بىخەتەرلىك قاپچۇقى) بىخەتەر ئەمەس تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى توي قىلىش ئالدىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .