گاندون ئىسپېرما بىلەن جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىنى ئايرىپ تۇرىدۇ، ئەر – ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىدىن ساقلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ جىنسىي كېسەلنىڭ تارقىلىش يولىنى بەلگىلىك دەرىجىدە توسىدۇ

 
 ئۇنداقتا، گاندون بىخەتەرمۇ؟
 
 
    تېببىي ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش باسقۇچىدا، گاندون توغرا ئىشلىتىلسە، ئاساسىي جەھەتتىن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ جىنسىي كېسەللەردىن ساقلىنىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلسە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك نەتىجە بېرىشى ناتايىن. 
 
 
توغرا ئىشلىتىش شارائىتىدا، گاندوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈمى نىسبەتەن يۇقىرى، لېكىن سۆزنەك، ئۆتكۈر ئېكزېما(ئۆتكۈر ھۆل تەمرەتكە) نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئويلىغىنىمىزدەك ئەمەس. ئۇنىڭدىن ئىسپېرمىغا ئوخشاش نىسبەتەن چوڭ بولغان ھۈجەيرىلەر ئۆتەلمەيدۇ، لېكىن مىكوپلازما، خلامىدىيە، باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ھەسسىلەپ چوڭايتقۇچى مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، ئىنتايىن كىچىك ۋىرۇس دانىچىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 
 
دېمەك، ئۇنىڭ رولى چەكلىك، مانا بۇ شەھۋانىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى شەھۋانىي سورۇنلارغا قاترايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گاندون ئىشلەتسىمۇ يەنىلا جىنسىي كېسەلدىن ساقلىنىشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بىخەتەرلىك قاپچۇقى تاقىسا ئەرلەرنىڭ بالدۇر يۈرۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولام تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تويدىن بۇرۇنقى جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .