بىخەتەرلىك قاپچۇقى تاقىسا ئەرلەرنىڭ بالدۇر يۈرۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ يوق بۇ ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ

           پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى تاقىسا ، ئەرلەرنىڭ زەكىرى بىلەن ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى ئوتتۇرىسىدا بىر قەۋەت ئايرىپ تۇرغاچقا ، ئۇدۇل كېلىدىغان غىدىقلاشتىن ساقلىنىپ ، ئەرلەرنىڭ مەنى يۈرۈشنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ دەپ بىلىنىدۇ . لېكىن قىسمەن كىشىلەر بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى تاقىسا مەنى يۈرۈپ كېتىش ۋاقتى تېزلاپ كېتىدۇ ، شۇڭلاشقا ئادەمنىڭ بەدىنىگە باغلىق دەپ ئويلايمىز .

             ئەمدى نېمە ئۈچۈن قىسمەن كىشىلەردە بالدۇر يۈرۈپ كېتىدۇ ، بۇ بەلكىم بىرىنجىدىن روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش بولۇشى مۇمكىن ، يەنە قېتىش نورمال بولمىسىمۇ بالدۇر يۈرۈپ كېتىشى مۇمكىن . ئادەتتە تولۇق قاتقان ۋاقىتتا مەنى يۈرۈش ۋاقتى تولۇق قاتمىغان ۋاقىتقا قارىغاندا ئۇزۇنراق بولىدۇ .

             شۇڭلاشقا ، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتسە ۋاقتى ئۇزىرايدۇ دىگەن بۇ كۆز قاراش مۇتلەق ئەمەس . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بىخەتەرلىك قاپچۇقنى ئىشلەتكەندە زىيادە سىزىمچانلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە قانداق قىل تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گاندون(بىخەتەرلىك قاپچۇقى) بىخەتەر ئەمەس توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .