ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى جىنسىي تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قورال بۇ ئارقىلىق ئايالىڭىزنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دورا ئىچىپ بەدىنىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ

             لېكىن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى تەبىئىي ماتېرىياللاردىن ياسىغان بولسىمۇ ، قىسمەن كىشىلەر ئىشلەتكەندە يەنىلا زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن ، مەسىلەن ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ، زەكەرنىڭ بېشى قىزىرىش ، قىچىشىش ھەم يىڭنە سانىغاندەك ئاغرىش ، ئېغىرراقلىرىدا يارا پەيدا بولۇش ، ياللۇغلىنىش ؛ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار بولسا سىرتقى لەۋ ھەم جىنسىي يولىدا قىچىشىش ھەم قىززىق كۆيگەندەك بولۇش ، جىنسىي يول شىللىق پەردىلىرى قانغا تولۇش ، سۇلۇق ئىششىش ، ئاق خۇن كۆپىيىشتەك ئەھۋاللار كۆرلىدۇ .

             زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلەرنى قىلىپ كۆرۈڭ:

             1.ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئېلىۋېتىڭ ، ئىشلەتمەڭ ، باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىڭ ؛

             2.زىيادە سېزىمچانلىق كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ئەكىس تەسىرىنى داۋالاش ھەم ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا 2 ھەپتە ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك ؛

             3.يەرلىك ئورۇننى تاتىلىماڭ ، قاشلىماڭ ، ھەم قىززىق سۇدا ۋە ياكى سوپۇن سۈيىدە يۇماڭ ؛

             4. يەرلىك ئورۇنغا ۋاقتىنچە خلوروتېتراتسىكلىن 金霉素 ياكى تېتراتسىكلىن  كۆز مەلھىمى 四环素眼膏نى سۈرتۈڭ .

             5.سېزىمچانلىققا قارشى دورا ئىستىمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ .

             ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالى ئادەتتە 5~7كۈنگىچە داۋالانسا ساقىيىپ كېتىدۇ .
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بىخەتەرلىك قاپچۇقى تاقىسا ئەرلەرنىڭ بالدۇر يۈرۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولام توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .