سوئال: مېنىڭ توي قىلغىنىمغا يەتتە يىل بولدى، بىر بالام بار، يولدىشىم بىلەن بىللە ب

 

سوئال: مېنىڭ توي قىلغىنىمغا يەتتە يىل بولدى، بىر بالام بار، يولدىشىم بىلەن بىللە بولغاندا، ئۇنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى نورمال بولىدۇ. بىز ھەرقېىتم ئۈچ ھەپتە ئايرىلىپ كېتىپ، يەنە بىر يەردە بولساق، دەسلەپكى ئاخشىمى ئۇ ھامان جىنسىي ئالاقە قىلالماي قالىدۇ. مەن ئۇنىڭ سادىقلىقى ياكى سادىق ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانغان بولساممۇ، ھېچقانداق ئاساسىم يوق. ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئوڭايسىزلىنىدۇ. سىز بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز؟

دوختۇر: تۈرلۈك ئامىللارنى ئويلىغاندىن كېىن، سىزنىڭ ئاشۇ بىرنەچچە «جىنسىي ئاجىزلىق كېچىسى» دىن قايغۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوقكەن، دېگەن قاراشقا كەلدىم. چۈنكى بۇ دائىملىق ئەھۋال ئەمەس، بەلكى ئۇ ھامان ناھايىتى تېز نورمال ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇ سىز بىلەن بىر يەردە بولغاندا، بىرخىل جىنسىي ئادەت شەكىللەنگەن، ئايرىلىش بىلەنلا ئادەتلەنگەن رىتىم بۇزۇلغان، ئۇ سىزدىن ئايرىلغان چاغدا، بارلىق جىنسىي ھەۋەس-سېغىنىش ھېسسىياتىنى بېسىۋالغان بولىشى، ئۇنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئەنە شۇنداق تەلتۆكۈس بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. نەتىجىدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋال يۈز بەرگەن. سىز ئۇنى كەچۈرۈشىڭىز كېرەك.

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىلىرى قايسىلار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .