سوئال:مەن 40 ياشقا كىرىپ قالدىم جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزىدىغان چاغدا، زەكىرىمنى قوپتۇر

 

سوئال: مەن 40 ياشقا كىرىپ قالدىم. جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزىدىغان چاغدا، زەكىرىمنى قوپتۇرۇش تەس بولىۋاتىدۇ. جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ قانداق دورىلىرى بار؟

دوختۇر: مەلۇم كېسەللىكلەردە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەزى دورىلارنى ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقنى دەسلەپكى قەدەمدە داۋالاشقا ياردىمى بولىدۇ. بۇ دورىلار-جىنسىي ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى تىزگىنلەش ياكى تىنچلاندۇرۇش دورىلىرىدىن ئىبارەت.

دوختۇرلارنىڭ بەزىدە، تۈرلۈك دورىلار ئارقىلىق، يېرىم جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكىنى داۋالايدۇ، تىنچلاندۇرۇش دورىلىرى ئارقىلىق، قوپتۇرۇش نېرۋىلىرى تىنچلاندۇرۇلىدۇ؛ قوزغاتقۇچى دورىلىرى ئارقىلىق، غىدىقلىنىش نەيچىلىرى بىلەن قوپۇرىدىغان نېرۋىلارنىڭ ھەرىكىتى كۈچەيتىلىدۇ.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇنداق داۋالاش پەقەت دەسلەپكى تەدبىر. بۇ دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبنى تېپىش ۋە يوقىتىش تېخىمۇ مۇھىم.

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا) 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەكەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يوغان بولىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ۋاقىتلىق جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .