سوئال:مەن پات-ئارىدا توي قىلماقچىمەن، توي قىلغان كېچىسى قانداق قىلىشىمنى بىلمەيۋات

 

سوئال: مەن پات-ئارىدا توي قىلماقچىمەن، توي قىلغان كېچىسى قانداق قىلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن. مېنىڭ زەكەرىم قوزغالغاندا، بەك يوغىناپ كېتىدۇ. مېنىڭ ئالماقچى بولغان ئايالىمنىڭ تەن قۇرۇلۇشى كىچىك ھەم زىلۋا. ھەر ئىككىمىزنىڭ تەجرىبىمىز يوق. مەن ئۇنىڭغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك ھەم ئۇنى قورقۇتۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟

دوختۇر: قىزلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىنىڭ ۋىجىك بولۇشى جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈشتە ئۇنىڭ قىينىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. جىنسىي يول سوزۇلۇشچان كېلىدۇ، ئۇ بالا تۇغۇلىدىغان تۇغۇت يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتە يوغان زەكەرنىڭ كىرگىنىگە ھېچنىمە بولمايدۇ.

خوتۇننىڭ ئىنتايىن بەك قورقۇپ كېتىشىدىن باشقا، ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك پەرقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئالاقىدە قىينىلىشقا دائىر مىساللار ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ ئاناتومىيە ساۋاتىنى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.

              مەن سىزنىڭ يېڭى توي قىلغان كېچىسى ئەڭ ياخشىسى، سىلىقلاش دورىسى ئىشلىتىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمەن.

 

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە جىنسى ئىقتېدار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىلىرى قايسىلار؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .