سوئال:مەزى بېزى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېىن، جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش ئىق

 

سوئال: مەزى بېزى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېىن، جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى قانچە ۋاقىتتا ئەسلىگە كېلەلەيدۇ، جىنسىي ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ئاۋالقىدەك بولامدۇ-يوق؟

دوختۇر: ئادەتتە جىنسىي ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھېچقانچە مەسىلە ئەمەس. لېكىن ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى بولىدۇ، ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن، قانچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كىشىنىڭ جىنسى ئىقتىدارىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كېلىشىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئوپېراتسىيىدىن ئىلگىرى ناھايىتى ياخشى بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىش ئومۇمەن جىنسىي ئىقتىدارغا ئانچە تەسىر بولمايدۇ.

جىنسىي ئىقتىدار ئەسلىگە كەلگەندىن كېىن، جىنسى ھېسسىياتنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بولىدۇ، نۇرغۇن كېسەل كىشىلەرنىڭ جىنسى ھېسسىياتى قوزغالغاندا، مەنى سۇيۇقلۇقى چىقمايدۇ قالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەنى سۇيۇقلۇقى دوۋساققا كىرىپ كېتىدۇ، «مەنى تەتۈر كېلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىنسىي لەۋنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغان بولىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زەكەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يوغان بولىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .