سوئال:مېنىڭ توي قىلغىنىمغا ئالتە ئاي بولدى، ئىككى بالاممۇ بار مېنىڭدە مۇنداق مەسى

 

 سوئال: مېنىڭ توي قىلغىنىمغا ئالتە ئاي بولدى، ئىككى بالاممۇ بار. مېنىڭدە مۇنداق مەسىلە بار: مەندە ئېرىمگە نىسبەتەن جىنسىي تەلەپ يوق. مەن جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈشنى ناھايىتى ئاز خالاپلا قالماستىن، پەقەت ھەيز كېلىش ئالدىدىكى كۈنىلا جىنسىي تەلەپ قويغۇم كېلىدۇ، ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇمارىم بېسىلىپ قالىدۇ. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمىزدە مەسىلە چىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەن دوختۇرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ تەشنا.

 دوختۇر: ناھايىتى روشەنكى، سىزدە جىنسىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا بولسۇن، يامان تۇيغۇ بار ئىكەن، شۇڭلاشقا سىزدە جىنسىي تەلەپ ناھايىتى ئاز بولىدۇ. سىزدە ھەيز كېلىش ئالدىدا جىنسىي تەلەپنىڭ قوزغىلىشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت سىزدىكى مەسىلىنى تەن ئامىلىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

               سىزدىكى بۇ ئەھۋال، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدە خېلى بۇرۇنلا، خاتا يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزدىن بولغان، سىز جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش، ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىك روھى ھالىتىڭىز بىلەن ھەمىشە ئەرنى ياقتۇرماسلىق، ئۇنىڭدىن زېرىكىش روھى ھالىتىڭىزنى يېپىپ كېلىۋېتىپىسىز. جىنسىي تۇرمۇشتىن باشقا، سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكى باشقا ئامىللارنىمۇ تەڭشەشكە توغرا كېلىدىكەن. سىز خەيرخاھلىقى بار بىر پىسخولوگىيە خادىمىنى تېپىپ، سۆزلىشىپ كۆرۈڭ.

ئۇنىڭ سىز ئېيتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىشى مۇمكىن. بەزى ئاياللار ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، جىنسىي تۇرمۇشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولسا، دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىڭ.

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دىلچىقنىڭ ئۆرۈلۈپ قېلىشى ۋە جىنسىي ھېسسىياتنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي لەۋنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغان بولىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .