سوئال: مەن يېقىندا بىر ماقالە ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنىڭدا بىرنەچچە يەرنى كېسىپ ئېلىۋىتىش

 

سوئال: مەن يېقىندا بىر ماقالە ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنىڭدا بىرنەچچە يەرنى كېسىپ ئېلىۋىتىشتەك كىچىك ئوپېراتسىيە ئارقىلىق، جىنسى تۇرمۇشقا قىلىچىمۇ قىزىقمايدىغان ئايالنى جىنسىي تەلىپى كۈچلۈك بولغان، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ھەمراھى قىلىپ چىققىلى بولىدۇ، دېيىلگەن. بۇ راستمۇ؟ بۇ قانداق ئوپېراتسىيە؟

دوختۇر: سىز ئېيتقان ئوپېراتسىيە دىلچىق ئۇچى ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان شىللىق پەردىنى ياكى شىللىق توقۇلمىلارنى ئايرىۋېتىدىغان ئوپېراتسىيە. ئادەتتە بىر دانە گال قىسقا ھەم توم تەكشۈرۈش يىڭنىسى بولسىلا بولىدۇ. كېسىشمۇ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ ئوپېراتسىيە تىببى ساھەدىكىلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ۋە مۇلاھىزە قوزغىغان تېمىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماقالىلەر يېزىلىپ، بۇنداق ئوپېراتسىيىنىڭ رولى ئارتۇقچە تەشۋىق قىلىنسا، جىنسىي مۇناسىۋەتكە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ھەرقانداق ئايال بىر كېچىدىلا ساقىيىپ كېتىدىغاندەك، كىشىلەردە بىرخىل خاتا تەسىرات پەيدا قىلغانىدى. جىنسىي مۇناسىۋەتكە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشنىڭ نوقۇل ھالدا دىلچىقنىڭ ئۇچىغا جاراھەت چىققان كېسەللىك سەۋەبىدىن بولىدىغىنى ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن روھى كەيپىيات جەھەتتىكى سەۋەب ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەتكە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان نۇرغۇن ئاياللاردا جىنسىي ئالاقىدىن قورقۇش ۋە خىجىل بۇلۇش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن جىنسىي تورمۇزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ، ھەرگىز ئاددى ئوپېراتسىيە بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.

                چاپلىشىپ تۇرغان ياكى بېسىلىپ تۇرغان دىلچىقنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئوپېراتسىيەگە مۆجىزە يارىتالايدۇ، دەپ ئۈمىد باغلىماسلىقى كېرەك.

 

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىنسىي ئالاقىنىڭ قىيىن بولۇشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللاردا جىنسىي تەلەپنىڭ كەمچىل بولىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .