سوئال: مېنىڭ توي قىلغىنىمغا ئالتە ئاي بولدى، ھەر قېتىم جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزگە

            سوئال: مېنىڭ توي قىلغىنىمغا ئالتە ئاي بولدى، ھەر قېتىم جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزگەندە ئېرىمنىڭ زەكەرى جىنسىي يولغا كىرە-كىرمەيلا، جىنسىي يول ئىچى بەك ئاغرىپ كېتىدۇ، جىنسىي يولۇم زەخىملىنىپ قالدىمىكىن، دەپ قورقۇۋاتىمەن. بىز قانداق قىلسام بولار؟
 
           دوختۇر: مۇنداق بىر نەچچە خىل ئەھۋالدا زەكەرنىڭ جىنسىي يولغا كىرىشى قىيىن بولىشى مۇمكىن. بىر خىلى، جىنسىي يولنىڭ مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قېلىش ۋە پالەچ بولۇپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى، يەنە بىر خىلى، قىزلىق پەردىنىڭ چىڭ يۇمۇلۇپ قالغانلىقى(بۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ)، ئۈچىنچى خىلى، جىنسىي يولنىڭ يېپىلىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن بولىدۇ(بۇ تۇغۇلغان چاغدىلا شۇنداق بولىشى ياكى كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن)، تۆتىنچى خىلى، جىنسىي ئەزانىڭ ئۆسۈشى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن بولىدۇ.
 
           سىز دوختۇرغا تەكشۇرتىشىڭىز كېرەك، ئۇنداق قىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋە قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا زىيىنى بولىدۇ. ئۇندىن تاشقىرى، جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش قىيىن بولۇش ئارقىسىدا كېلىپ چىققان روھى تەسىرمۇ كۆڭۈلسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ، بۇنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ داۋالىتىڭ.
 
مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)

ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دىلچىقنىڭ ئۆرۈلۈپ قېلىشى ۋە جىنسىي ھېسسىياتنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .