ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سىز؟مىنىڭ ئىچىم بەك ئىسسىق،تىبابەت دورىللىرىنى ي

ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سىز؟مىنىڭ ئىچىم بەك ئىسسىق،تىبابەت دورىللىرىنى يىسەم ئىتىكلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىمەن. 
 
(1) نىمە سەۋەپتىنكى يېقىندىن بۇيان جىنسى ھەۋىسىم بەكلا سۇس،زەكىرىم تۇلۇق قاتمايدۇ، جىنسى تۇرمۇشۇم ئارانلا 10مىنوت داۋاملىشىدۇ. بولسا ۋاقىت ئۇزارتىدىغان بىرەر ئامال بارمىدۇ؟. 
 
(2)بۇرۇن ئۇرۇق چېغىمدا زەكىرىم18سم كىلەتتى.ھازىر قوساق چىكىتىپ شۇ سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم ئارانلا 15 سم كىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.قوساق يوغىناپ كەتسە راستلا زەكەر كىچىكلەپ كىتەمدۇ؟ 
 
(3)ئايالىمنىڭ جىنسى يولى كىڭىيىپ كەتكەچكە،بازاردا سېتىۋاتقان{جىنسى يولىغا سېلىش ئارقىلىق كىچىكلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان بىر خىل دورا} نى ئىشلەتكەن،بۇ ماڭا شۇنداق ھوزۇر بېغىشلىغان ئىدى.بۇنى داۋاملىق ئىشلەتسە باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقارماس؟ 
 
 
جاۋاب: 

ئادەتتە 10 مىنۇت داۋاملاشقان جىنسىي تۇرمۇشنى بەك قىسقا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن -قىسقا بولىشى جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى ياكى تۆۋەن بولغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. جىنسىي تۇرمۇشتىكى ئەڭ موھىم ئىش ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق قانائەت تېپىش تۇيغۇسىدا بولۇشتۇر. 
 
شۇڭا جىنسىي مۇناسىۋەت مۇنچە ۋاقىت داۋام قىلسا بولىدۇ دەيدىغان گەپ يوق. 
 
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە سىلىدە جىنسىي تۇرمۇشقا زىيادە بىرىلىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. شۇ سەۋەپ بەدەندە خورىغان قۇۋۋەتنى گۆش ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولۇپ ئۆزلىرىنى سەمىرتىۋالغان بولۇشلىرى مومكىن. ئۇندىن باشقا بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكمۇ قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. 
 
سىلىگە تەكلىپ : جىنسىي تۇرمۇشقا مۇۋاپىق دەرىجىدە چەك قويۇپ زىيادە مايلىق، گۆشلۈك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلانسىلا! ئىمكان بار كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ قاننى جانلاندۇرۇپ بىرىشكە ئەھمىيەت بەرسىلە! 
 
ئاياللىرىغا ئىشلەتكەن دورىنىڭ ئېنىق تەپسىلاتىنى بىلمىگەچكە بۇ ھەقتە مەسلەھەت بىرەلمىگۈدەكمەن. 
 
 
_______________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات) 
مەنبە: 80 خالتا بلوگى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇل بولىشى ئەرلىك تەرىپىدىن بەلگىلىنەمدۇ ياكى ئايال تەرىپىدىن بە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .