ئادەم بەدىنىدە 23 جۈپ خروموسۇم بولىدۇ بۇنىڭ 22 جۈپى دائىمىي خروموسوم دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بىر جۈپى بولسا جىنسى خروموسومدۇر خروموسوم بولسا ئادەم تىنىنىڭ ئىرسىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ماددىدۇر، يەنى ئاشۇ 23 جۈپ خروموسومدا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بى

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ، قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل نېمە ؟ قالايمىغان سوئال سوراپ قالغان بولسام ئاللا گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغاي ، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلنى تېببى نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز، ئادەتتە ئەركىشىنىڭ بەدەن سۈپىتى ياخشى بولسا ئوغۇل بولامدۇ ياكى ئايال كىشىنىڭمۇ ؟ 


جاۋاپ: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام: 
 


 
ئادەم بەدىنىدە 23 جۈپ خروموسۇم بولىدۇ. بۇنىڭ 22 جۈپى دائىمىي خروموسوم دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بىر جۈپى بولسا جىنسى خروموسومدۇر. خروموسوم بولسا ئادەم تىنىنىڭ ئىرسىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ماددىدۇر، يەنى ئاشۇ 23 جۈپ خروموسومدا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن شۇ ئادەم تىنىنىڭ ھەممە خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. 
 
ئادەم بەدىنىدىكى ئاشۇ بىر جۈپ جىنسى خروموسوم ئىنساننىڭ جىنسىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇ ئادەتتە مۇنداق ئىككى خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ يەنى XX, XY 
بۇنىڭدىكى XX بولغىنى ئايال جىنس بولىدۇ. XY بولغىنى ئەر جىنسى بولىدۇ. 
 
يەنى ئايال كىشىدىكى بىر جۈپ جىنسى خروموسوم ئوخشاشلا ئىككى دانە Xخروموسومدۇر. ئەرنىڭ بولسا بىر تال X ۋە بىر تال Y خروموسومدۇر. 

 
ئەمدى ھامىلىنىڭ ئوغۇل قىزلىقى قانداق ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دىگەن سۇئالغا كەلسەك: 
 
كۆپىيىش ھۈجەيرىسى بولغان ئىسپىرما ياكى تۇخۇمدا نورمال تەن ھۈجەيرىسىنىڭ يېرىمىچىلىك خروموسوم بولىدۇ، يەنى 23 تال خروموسوم بولىدۇ. جىنسى ئالاھىدىلىكنى بەلگىلەيدىغان خروموسوممۇ بىر جۈپ بولماستىن بىر تال بولىدۇ. 
 
ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن تۇخۇم بىلەن ئىسپىرما ئۇچراشقاندىن كىيىن ئانا تەرەپتىن كەلگەن ( ئانىدا پەقەت بىر خىللا خروموسوم بار، ئەمما ئەر كىشىدە بولسا X Y ئىككى خىل جىنسى خروموسوم بار بولغانلىقى ئۈچۈن) بىر تال X خروموسوم بىلەن ئاتا بولغۇچى تەرەپتىن كەلگەن X ياكى Y ئۇچرىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە تەرەققى قىلىپ ھامىلىگە ئايلىنىدۇ. دىمەك ھامىلىنىڭ قىز ئوغۇل بولۇشىنى ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن ئاتا تىنىدىكى ئاشۇ بىر تال Y خروموسوم بەلگىلەيدۇ. 
_________________________ سەفىيە 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سېرىق شەھۋانىي بويۇم ۋە شەھۋانىي موھىتنىڭ ياشلارغا قانداق زېيىنى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئون مىنۇت داۋاملاشقان جىنسىي تۇرمۇشنى بەك قىسقا دېيىش مۇۋاپىقمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .