ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى مەن بۇ يىل 28 ياش توي قىلغىلى 4 يىلچە بولدى بىر قىزىم بار ~ سىزدىن مۇنداق بىر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى مەن بۇ يىل 28 ياش توي قىلغىلى 4 يىلچە بولدى. بىر قىزىم بار ~ سىزدىن مۇنداق بىر ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم 、.


ئىلگىرى ياشلىقتا دوستلىرىم بىلەن ئويناپ يۈرۈپ نەشە چىكىشكە ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن،. مەن چىكىۋاتقىلى 5 يىلچە بولدى ئىلىگىرى چىكىۋالدىغان ۋاقىتلىرىمدا ئايالىم بىلەن بىرگە بولسام ھەركۈنى دىگۈدەك كەم دىگەندە 2 قىتىم بىرگە بولاتتىم، ھەم بىرگە بولۇش ۋاقىتىمىز ئۇزۇن ھەم شىرىن بولاتتى. ھەرقىتىمدا دىگۈدەك ھەر ئىككىمىز بىر قانچە قىتىم يۇقىرى پەللىگە چىقاتتتۇق.

بىراق بىر ئاينىڭ ئالدىددا سالامەتلىكىم ياخشى بولماي ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتسەم باشقا چاتاق يوق زىيادە سوغۇقلۇق قىلىپ كىتىپسىز، بەدەن زىيادە ئاجىزلاپتۇ دەپ دىئاگنوز قويدى. دوختۇرغا نەشە چىكىۋاتقىلى نەچچە يىل بولغانلىقىدىن تارتىپ ئۆز ئەينى دىدىم ، كىيىن دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن نەشە چىكىشنى تاشلىدىم (1 ئايدىن ئاشتى) بىراق چىكىشنى تاشلىغاندىن بىرى ئۆزەمدە جىنسى ھەۋەسنىڭ بۇرۇنقىدىن سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم بۇرۇن كۈنىگە ئىككى ئۈچ قىتىم چىكىۋالاتتىم ھازىر بىر ئايدىن ئاشتى چەكمىدىم بىراق ئەر خوتۇنچىلىق تۇرمۇشۇم بۇرۇنقىدەك كۆڭۈلدىكەدەك ئەمەس ، ئايالىممۇ ئاساسەن مەندىن رازى ئەمەس ~ شۇڭا مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم . قايتا چىكەي دىسەم ئاران تەستە تاشلاپ خۇماردىن قۇتۇلغان يەنە مۇشۇ سەۋەپلىك قايتا ئۆگىنىپ قىلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن ، لىكىن قارىسام ھازىر 3~~4 كۈندە بىرقىتىم مۇناسىۋەت قىلساممۇ پەقەت بىر قىتىملا مۇناسىۋەت قىلالايمەن ھەم پەقەت 2 مىنۇت ئەتراپىدىلا ئىش تۈگەيدۇ بۇرۇنقىدەك يىرىم سائەتتىن يۇقىرى بولىدىغان ئىشلار پەقەتلا يوق ~ مەن قانداق قىلسام بولار ~ بۇمۇ نەشە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟ ئېغىر كۆرمەي تەپسىلىپ جاۋاب بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن 
 
 
جاۋاب: 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام 
 
نەشە ئىستىمال قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە : كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش ، مەست قىلىش قاتارلىق تەسىرلەرنى بىرىدۇ. شۇڭا ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە زىيادە ھوزۇرلىنىش ھەم كۆپ قېتىم يۇقۇرى پەللىگە چىقىش دېگەنلەر نېشىنىڭ كۈچىدىن بولىدۇ. 
 
لىكىن نەشىنىڭ تەبئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ ئۇنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ بەدىنى ئاستا-ئاستا زەئىپلىشىپ نېرۋا پائالىيتىنى قالايمىقانلاشتۇردۇ. كۆرۈش قۇۋۋېتىنى ئاجىزلاشتۇردۇ، چىرايىنى سارغايتىپ زىيادە ئورۇقلىتىدۇ. ۋەسۋەسىچىلىك ، مالۇخۇلىيا ۋە ھەتتا ساراڭلىق دېگەندەك روھىي كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن. 
ئۇنىڭ زېينىنى بىلىپ ئۇنى تاشلىغان ئىكەنسىز ۋاقىتلىق شەھۋەت ھوزۇرىنى دەپ قايتا چەكسىڭىز ئومومىي بەدەن زەئىپلەشكەننى ئاز دەپ نەشىنىڭ ۋاقىتلىق پەيدا قىلغان جىنسىي جەھەتتىكى ھوزۇرىدىنمۇ مەھرۇم قالىسىز. 
 
يىقىندا ئەنگىليەدىكى بىر ئۈنۋېرسىتىتنىڭ ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دىيىلىپتۇ : نەشە چېكىش ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا زور زىيان سالىدۇ ، چۇنكى نەشە تەركىبىدىكى تۆت ھىدروگېنلىق نەشە پىكمېتىTHCئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ . مۇتەخەسىسلەر ئۇرۇق ئۇلگىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجىدە مۇنداق دىيىلدى : تۆت ھىدروگىنلىق نەشە پىگمېنتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئۇرۇققا قارىغاندا ، نەشە پىگمېنتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۇچى 45% تۆۋەن بۇلغان .

30% ئۇرۇق ئۇلگىسى تۆت ھىدرۇگىنلىق نەشە پىگمېنتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ، تۇخۇمنىڭ تاشقى پوستىنى يىرىپ ئۆتۇشى ئۈچۇن زۆرۈر بولىدىغان بىئولوگىيىلىك كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىشتىن قالغان . باشقا تەجىربىلەردىن يەنە نەشىنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنى چۇشۇرۋىتىدىغانلىقىمۇ ئايان بۇلغان .نەشە سەۋەبلىك ئەرلىك ئىقتىدار ھەم ئومومىي بەدەن ئاجىزلاشقا مۇناسىپ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن : 
 
رەيھان جەۋھىرى 
 
مەجۈنى لۇبۇبى كەبىر 
 
ماددىتىل ھايات 
 
قۇرسى ئىمساك 
 
سۇپۇپى كۈنجۈت 
 
مەجۈنى مۇقەۋۋى باھ قاتارلىقلاردىن مىزاجغا ماس كىلىدىغانلىرىنى تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بىرىش؛ 
 
ئوزۇقلۇقلاردىن: 
 
جېگدە چېچىگى ھەسىلى ياكى گۈلقەنتى، 
 
ئۇچار قۇش شورپىلىرى، 
 
پاقلان شورپىسى ، 
 
ياڭاق مۇرابباسى 
 
سەۋزە مۇرابباسى، 
 
خورما، ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم، پىستە مېغىزى 
 
ئارقىلىق قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق مەقسەتكە يېتىش مومكىن. 
 
تامام 
____________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات) 
مەنبە: 80 خالتا بلوگى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەر-خوتۇن جىمادا كىلىشەلمەي قالغاندا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سېرىق شەھۋانىي بويۇم ۋە شەھۋانىي موھىتنىڭ ياشلارغا قانداق زېيىنى بار؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .